تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى زىممەمگە ئالىمەن

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بەختىگۈل جېئىنبى

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي، كەسكىن قانلىق جەڭ قىلىشقا يېتەكلەيمەن، تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە بوشاڭلىق قىلماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىنى قەتئىي پاكىز تازىلاپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ئاۋانگارت، ئۈلگە بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىمەن.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، شىنجاڭدا ئىقتىساد زور راۋاجلانغان، خەلق تۇرمۇشى زور ياخشىلانغان، شەھەر – يېزىلاردا زور ئۆزگىرىش بولغان، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان يېپيېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. ئەمما، بىز يەنىلا مۇرەككەپ، مۈشكۈل بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىپىسىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، سەپسەتە ۋە بىمەنە گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئالدىدا بىر خىل، ئارقىدا بىر خىل بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ. مەن سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەكسىيەتچىلىكى، دىن جەھەتتىكى ساختىلىقى ۋە ئۇسۇل جەھەتتىكى ئالدامچىلىقىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن، تەنقىد قىلىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.

  مەكتەپ ئەزەلدىن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي بازا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بىزدىن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى تالىشىش كۈرىشى ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق، مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە ئىدىيە جەھەتتىن سىڭدۈرمىچىلىك قىلدى، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە پەيدا بولۇشى مۇقەررەر ھالدا ئىدىيەنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، كىشىلەر قەلبىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ زەھىرى چوڭقۇر، بىز چوقۇم يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشىمىز كېرەك. مائارىپ سىستېمىسىغا مەسئۇل پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، سىياسىي مەيدانىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى باشلامچىلىق بىلەن توسۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىمەن ۋە ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىمەن. ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىمەن. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، چېن ھېسسىياتىم، چىن قەلبىم بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىمەن، ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاكتىپ كۈچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى پائال تارقىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلايمەن، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، مەيداندا چىڭ تۇرۇپ ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىمەن، خەتەر ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي، كەسكىن قانلىق جەڭ قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەلتۆكۈس پاكىز يوقىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى