تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شۆھرەت زاكىرنىڭ شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئەھۋالى ۋە كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئەھۋالى ۋە كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنى زىيارەت قىلدى، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  سوئال: شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا خەلقئارا تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى بىر مەزگىل كۆپ، ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ كەلدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.

  جاۋاب: 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن بۇيان، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››لەر (مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان – تېررورچى كۈچلەر) جۇڭگو شىنجاڭدا پارتلىتىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، زەھەر سېلىش، ئوت قويۇش، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئوخشاش زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىدىن نەچچە مىڭنى پىلانلىدى ھەم تەشكىللىدى، نۇرغۇن بىگۇناھ ئامما ھاياتىدىن ئايرىلدى، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، مۆلچەرلىگۈسىز مال – مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى. زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان جىنايى قىلمىشلىرى شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق تەرتىپى، ئىتتىپاق، تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەزىيىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، مال – مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇردى. خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان بىر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ پەرزەنتى ماڭا يازغان خېتىدە ھاياجانلانغان ھالدا: ‹‹دادام تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قۇربان بولدى، دادامنىڭ ھەققانىي، ئالىيجاناب ئوبرازى مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە باشتىن – ئاخىر ئىلھام ۋە مەدەت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاتىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىزچىل ھەمراھ بولۇشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن›› دېگەن.

  مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتقان كۈچلۈك ساداسىغا قارىتا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەسكىنلىك بىلەن قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىدىن قاتتىق مۇداپىئەلەندى ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە زور باسقۇچلۇق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولۇش، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولۇش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى بارلىققا كەلدى، ئۇدا 21 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق دېلولىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇلار ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنىڭ تۈپتىن ھەل قىلىنىشىغا ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى.

  بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پايدىسى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولۇۋاتىدۇ. 2017 – يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %7.6 ئاشتى، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %8.1 ۋە %8.5 ئاشتى. ساياھەتچىلىكتە ‹‹فونتانسىمان›› ئېشىش بارلىققا كېلىپ، شىنجاڭ بويىچە بىر يىلدا كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.4 ئاشتى. بۇ يىل 1 – ئايدىن 9 – ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ 132 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى. ئالاقە تورىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا، شىنجاڭغا كېلىپ باققان نۇرغۇن كىشىلەر ھاياجانلانغان ھالدا: ھازىر شىنجاڭ تولىمۇ گۈزەل بولۇپلا قالماستىن، يەنە ناھايىتى بىخەتەر، ناھايىتى مۇقىم ئىكەن. مەيلى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ياكى شىمالى بولسۇن، مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، كىشىلەر ئەنسىزلىك ئىچىدە يۈرمەيدىغان بولۇپتۇ، خاتىرجەم سىرتقا چىقالايدىغان، مال سېتىۋالالايدىغان، يىغىلىپ تاماق يېيەلەيدىغان، ساياھەت قىلالايدىغان بولۇپتۇ، دەپ سۆز قالدۇرغان.

  سوئال: بىلىشىمىزچە، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپتۇ، بۇنداق قىلىشتا نېمە كۆزدە تۇتۇلغان؟

  جاۋاب: تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. تېررورىزمغا زەربە بېرىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەم دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلە، ھەم دۇنيا خاراكتېرلىك قىيىن تېما. كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتى ياكى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېررورىزمغا زەربە بېرىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ كونكرېت يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مۇئەييەن ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنى يىلتىزىدىن تۈگىتىشنىڭ تەسلىكىنى، ئۇنىڭ ناھايىتى ئاسانلا قايتا باش كۆتۈرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ‹‹دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى›› (288 /60) توغرىسىدىكى قارارىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ‹‹تېررورىزمنىڭ يامراش شارائىتىنى يوقىتىش، تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش››كە كۈچەپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا، ‹‹زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش››تا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

  شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ‹‹بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەم ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتچىلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى، ھەم مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ياردەم – تەربىيە خىزمىتى ئارقىلىق، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى يېنىك بولغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ، قۇتقۇزۇۋېلىپ، ئۇلارنى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ يەنە بىر زىيانلانغۇچىسى ۋە قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلىدى.

  نۆۋەتتە شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە زور باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكى ھېلىھەم گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇش، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش كېرەك. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئىلگىرى تېررورىزمنىڭ زىيىنىغا خېلى ئېغىر ئۇچرىغانلىقتىن، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، كاشىلىسىغا ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغانلىقتىن، بىر قىسىم ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، قانۇنچىللىق ئېڭى سۇس، قانۇن بىلىمى كەمچىل، كەسپىي ماھارىتى ئاجىز، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلىقتىن، بۇ رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ياشاش ماددىي ئاساسى ئاجىز بولۇپ قېلىپ، ئوڭايلا تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ قۇترىتىشى ۋە مەجبۇرلىشىغا ئۇچراپ كەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ قالدۇق زەھىرىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل.

  دەل يۇقىرىقى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردى، بۇنىڭدىن مەقسەت تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش مۇھىتى ۋە تۇپرىقىنى تۈپتىن يوقىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن يوقىتىش.

  سوئال: شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ قانۇن ئاساسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز؟

  جاۋاب: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىش مەقسىتىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلەتتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2015 – يىلى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى (تۈزىتىلمىسى – 9)››نى ماقۇللىدى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە 2018 – يىلى ‹‹تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋە ئەسەبىزم جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقىتىپ، تېررورلۇق ھەرىكىتى جىنايىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر، جىنايەت بېكىتىش ئۆلچىمى، دېلو بېجىرىش تەرتىپى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ نىسبەتەن مۇكەممەل بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭمۇ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى›› قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى›› قاتارلىق يەرلىك نىزاملارنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ چىقتى ھەمدە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈردى.

  خىزمەت داۋامىدا، شىنجاڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىزم ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈپ، مەجبۇرلاپ، ئازدۇرۇپ ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى، ئەسەبىزم ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ قىلمىشى يېنىك بولغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتى بويىچە نۇقتىلىق تەسىرلەندۈردى ۋە قۇتۇلدۇرۇۋالدى. تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، جىنايەت گۇمانى تۇغدۇرغان لېكىن قىلمىشى يېنىكرەك بولۇپ، قانۇن بويىچە جىنايى جازا بەرمىسىمۇ بولىدىغان ياكى جىنايى جازانى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى قانۇن بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە ئاپپاراتى ئارقىلىق، ئۇلارنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتنى ئىگىلەش جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە سېپىنى تۈپتىن پۇختىلىدى. كونكرېت تەرتىپ مۇنداق: تەربىيەلەش نىشانى، تەربىيەلەش ئۇسۇلى، تەربىيە تاماملاش ئۆلچىمى، باھالاش ئۇسۇلىنى ئېنىق پۈتۈشۈش ئالدىنقى شەرتىدە، كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە ئاپپاراتى تەربىيەلەنگۈچى بىلەن ‹‹تەربىيەلەش كېلىشىمى›› ئىمزالاپ، ‹‹مەركەزلىك تەربىيەلەش، ياتاقلىق تۈزۈمدە ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېتىلدۈرۈش›› قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن ھەقسىز تەربىيەلەيدۇ ھەمدە تەربىيەلەنگۈچىلەر باھالاشتا ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن، ئۇلارغا تەربىيە تاماملاش گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.

  سوئال: شىنجاڭدا ئاساسلىقى قايسى مەزمۇنلار بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىدۇ؟ تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.

  جاۋاب: نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىدە كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە ئاپپاراتى ۋاسىتە قىلىنغان، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىش قىلىنغان تەلىم – تەربىيە ئەندىزىسى شەكىللەندى. كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە ئاپپاراتىدا ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش، داۋالاش، ئارقا سەپ مۇلازىمىتى، قوغداش تارماقلىرى بار ھەمدە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ سانىغا قاراپ دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، سىنىپ مۇدىرلىرى – يېتەكچىلەر قوشۇنى، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش قوشۇنى، يېمەك – ئىچمەك – خوجىلىق كاپالىتى قوشۇنى، پوست – ئامانلىق ساقلاش قوشۇنى تولۇق سەپلەندى.

  ئۆگىنىش، تەربىيەلەش جەريانىدا، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئاندىن قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ئاخىرىدا كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشتەك توغرا يۆنىلىشلىك تەدرىجىي ئىلگىرىلەش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى. بىرىنچىدىن، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىش تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىش، جۇڭگونىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، دۆلەت ئەھۋالى قاتارلىقلارغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئاساسى قىلىندى. ئوقۇتۇش لايىھەسىنى بىر تۇتاش تۈزۈش، ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى بىر تۇتاش تەييارلاپ بېسىش، دەرس ئۆتۈش سىستېمىسىنى بىر تۇتاش بەرپا قىلىش ئارقىلىق، دەرس ئۆتۈش، ئۆگىنىش ئۆلچەملەشتۈرۈلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ بىلىمى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئاساسەن، تۈرگە ئايرىپ ئوقۇتۇش، ئادەمگە قاراپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئىمكانقەدەر تېز ئۆستۈرۈلدى. ئىككىنچىدىن، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا قىلىندى. قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى قاتارلىق قانۇنلار سىستېمىلىق سۆزلەندى، سودىيە، پىروكۇرور، ئادۋوكات قاتارلىق قانۇن خىزمەتچىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ساھەلەرنى چۆرىدەپ، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئۆيلىنىش قانۇنى، مائارىپ قانۇنى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى قاتارلىق قانۇن – نىزاملار سۆزلەندى. ئۈچىنچىدىن، ماھارەت ئۆگىنىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى قىلىندى. شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شارائىتىغا ئاساسەن، كىيىم – كېچەك، ئاياغ – باش كىيىمى تىكىش، يېمەكلىك پىششىقلاش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش، بەت ياساش – بېسىش، پەرداز قىلىش – چاچ ياساش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ماھارەت تەربىيەسى دەرسى تەسىس قىلىندى، ئارزۇسى بار، شارائىت ھازىرلىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر بىر قانچە ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىپ، ئۇلارنىڭ تەربىيە تاماملىغاندىن كېيىن 2 ~ 1 كەسپىي ماھارەتنى پىششىق ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىيىم تىكىش، يان تېلېفون قۇراشتۇرۇش، مىللىي تائام كارخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئوقۇتۇش بىلەن ئەمەلىي مەشغۇلات زىچ جىپسىلاشتۇرۇلدى ھەمدە ئەمەلىي مەشغۇلات ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى+ئىشىغا قاراپ بېرىلىدىغان ئىش ھەققى ئەندىزىسى بويىچە، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئىش ھەققى بېرىلىپ، ‹‹ھەم ئۆگىنىش، ھەم ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ھەم كىرىمىنى ئاشۇرۇش››تەك ياخشى مېخانىزم شەكىللەندۈرۈلدى.

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە ئاپپاراتى ئاساسىي قانۇن، دىن ئىشلىرى نىزامى قاتارلىق قانۇن – نىزاملارنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە يېمەك – ئىچمەك، يېتىپ – قوپۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان ئېتىقادتىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ نورمال ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەردى ھەمدە ھەقسىز ئوقۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى ئىمكانقەدەر ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈردى ۋە قاندۇردى. تەربىيەلەنگۈچىلەر ئاشخانىسى قۇۋۋەتلىك ھەقسىز غىزا بىلەن تەمىنلىدى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ياتىقىغا رادىيو، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ بىر تۇتاش سەپلەندى، يۈز يۇيۇش ئۆيى، مۇنچا بار. ۋاسكېتبول، ۋالىبول مەيدانى، تىكتاك توپ ئۆيى قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەت سورۇنى، ئوقۇش ئۆيى، كومپيۇتېر ئۆيى، كىنو قويۇش ئۆيى قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيىتى سورۇنى، شۇنىڭدەك كىچىك زال، ئۈستى ئوچۇق سەھنە قاتارلىق ئەدەبىيات – سەنئەت ئويۇنى سورۇنى بار ھەمدە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، ماقالە يېزىش مۇسابىقىسى، ناخشا – ئۇسسۇل مۇسابىقىسى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچىلەر: ئىلگىرى ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىسكەنجىسىدە، ئەدەبىيات – سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە زادىلا قاتنىشىپ باقمىغانىدۇق، تۇرمۇشنىڭ بۇنداق مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار، مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ئەمدى ھېس قىلىپ يەتتۇق، دېيىشتى.

  بۇنىڭدىن سىرت، كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە ئاپپاراتى يەنە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ پىسىخىك ساغلاملىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىسخىكا جەھەتتىن كەسپىي مەسلىھەت بېرىپ ۋە يېتەكلەش مۇلازىمىتى قىلىپلا قالماستىن، يەنە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، تەربىيەلەنگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى، تەلىپىنى ۋاقتىدا يىغدى ۋە ئۇدۇللۇق ھەل قىلىپ بەردى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادىمىيلىك جەھەتتىن باشقۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئادىمىيلىك جەھەتتىن كۆيۈنۈۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  سوئال: ھازىرغا قەدەر كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىدە قانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى؟ تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.

  جاۋاب: كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ يەتتى، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بېيىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا تەلپۈنۈش ۋە ئىنتىلىش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. بىر تەربىيەلەنگۈچى: ‹‹ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى پەقەتلا بىلمەيتتىم، قانۇندىنمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى، خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنىمۇ بىلمەپتىمەن، لېكىن ھۆكۈمەت مېنى تاشلىۋەتمىدى، مېنى پائال قۇتقۇزۇۋېلىپ ياردەم بەردى، ھەقسىز تاماق، ياتاق بېرىپ، ھەقسىز ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ، ھازىر ھەرقايسى جەھەتلەردە زور ئىلگىرىلىدىم، مەن بۇ پۇرسەتنى چوقۇم قەدىرلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن›› دېدى. ئومۇمەن قارىغاندا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى:

  بىرىنچى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئاشتى. نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيتتى، دېيەلمەيتتى، ئوقۇيالمايتتى، ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، پىكىرلىشەلەيدىغان بولدى، زامانىۋى بىلىم ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش يولى كېڭەيدى. نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، قوش تىل مائارىپىنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىنى، نوقۇل ھالدا ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىنى ساقلاپ قالساق، ئاندىن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولغان بولىمىز دەپ تار مەنىدە قاراپ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىشنى رەت قىلغانلىقىنى، ھازىر ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي يەنە چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنگەندىلا، زامانىۋىلىشىشنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشقىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئىككىنچى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيدى. نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرى، ئىسكەنجىسى تۈپەيلىدىن، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بۇرمىلاپ ئويدۇرۇپ چىقارغان ‹‹دىنىي قائىدە، ئائىلە قائىدىسى›› بويىچە ئىش قىلاتتى. ھازىر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ھەرىكىتىنىڭ ھەم قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى، ھەم چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، مەسىلىگە يولۇققاندا، قانۇندىن قانداق ياردەم سوراش كېرەكلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندى. بىر ئايال تەربىيەلەنگۈچى: ‹‹مەن يولدىشىمدىن ئاجرىشىپ كەتكەن، ئاتا – ئانامنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغلۇم، بىر قىزىمنى ئۆزۈم بېقىپ كەلگەنىدىم، نامراتچىلىقتا ئۆتكەنىدۇق، ئىلگىرىكى يولدىشىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەمدى بىلدىم›› دېدى. قانۇننىڭ قوغدىشى ئارقىسىدا، ئۇ ئايال ئىلگىرىكى يولدىشىدىن كۆپ يىللىق بېقىش ھەققىنى ئالدى.

  ئۈچىنچى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارىتى ئۆستى. نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى كەسپىي ماھارىتى بولمىغاچقا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بولسىمۇ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانىدى. ھازىر تەربىيەلەنگۈچىلەر كەسپىي ماھارەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق، بەلگىلىك ئەمەلىي تېخنىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، بېيىش تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلاندى. ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىۋاتقان بىر تەربىيەلەنگۈچى: ‹‹ھازىر ئەمەلىي مەشغۇلات ئارقىلىقلا ئايدا 1500 يۈەن ئەمگەك ھەققى ئالىدىغان بولدۇم، كىرىمىم زور دەرىجىدە ئاشتى، ئائىلەمنىڭ ھەقىقىي تۈۋرۈكىگە ئايلاندىم، بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان بولدۇم، چوڭلار سۆيۈنىدىغان، ئايالىم تېخىمۇ كۆيۈنىدىغان، بالىلىرىم مەندىن پەخىرلىنىدىغان بولدى، ئۇزاقتىن بۇيان ئېرىشەلمەي كەلگەن ھۆرمەت ۋە ئىشەنچكە ئېرىشتىم›› دېدى.

  كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدا روشەن ئۆزگىرىش بولدى، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدى، ناچار كەيپىيات ئازايدى، زامانىۋى پەن – تېخنىكا بىلىملىرىگە، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىگە ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تارقىلىشى ئاڭلىق توسۇلدى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى.

  سوئال: تونۇشتۇرۇشىڭىزنى ئاڭلاپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى ئېنىق، ئەتراپلىق چۈشەندۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتى ھەققىدە قانداق پىلان بارلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.

  جاۋاب: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدى، كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە خىزمىتى شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭدا تېررورىزم، ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان مۇھىت ۋە تۇپراقنى يوقىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر، بۇ خىزمەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي ئىزدىنىش ۋە پايدىلىق سىناق بولدى.

  نۆۋەتتە كەسپىي ماھارەت تەلىم – تەربىيە ئاپپاراتىنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەر ‹‹تەربىيەلەش كېلىشىمى››دە پۈتۈشكەن تەربىيە تاماملاش ئۆلچىمىگە يېقىنلاشقان ياكى يەتكەن، ئۇلار تەربىيە تاماملاش بويىچە تەرتىپلىك باھالانماقتا، ئۇلارنىڭ يىل ئاخىرىغىچە تەربىيەنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىدىن ئۈمىد بار، بىز مۇشۇ تۈركۈمدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئوبدان ئىشلەۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ يەنە تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىگىلىگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىگە قاراپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنى ماكانلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تەلىم – تەربىيە ئاپپاراتىدا ئۆگىنىش بىلەن جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ يوچۇقسىز جىپسىلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەربىيە تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئىش ئورنى، بېيىش يولى تېپىپ بېرىمىز.

  كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى كۈچەپ ئوبدان تۇتۇپ ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئوبدان قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئۆلچەمدىكى يېزا نامرات ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى