تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  ئەلئارا سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، چارە–ئەقىل كۆرسىتىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ‹‹ئەلئارا سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش››نى چۆرىدەپ كېڭەشتى، سۆھبەتلەشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر دولقۇن توختى شىنجاڭنىڭ ئەلئارا سېلىنما خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئەزا، مۇتەخەسسىس، كارخانا ۋەكىلىدىن ئون كىشى سۆز قىلىپ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە يۆلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوزغاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ ۋە قويۇۋېتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، دەپ قارىدى. كۆپچىلىك بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىش، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇشنى كۈچەپ ھەل قىلىش، تىجارەت – سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر – تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جۈرئەت ئىمىن باش تېمىلىق سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىگە قايتما ئىنكاس قايتۇردى ۋە جاۋاب بەردى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن پىكىر – تەكلىپلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق تەكىتلىدى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئالدىن مۇلازىمەت قىلىپ، تىجارەت – سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ سىياسەت – تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ سالمىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سىياسەتتىن ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

   نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلئارا سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇغا دۇچ كەلمەكتە، كۆپچىلىك مول ئىجادىيلىققا ئىگە نۇرغۇن تاقابىل تۇرۇش تەكلىپلىرىنى بەردى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تونۇشتۇردى، قانداق قىلغاندا خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرغىلى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق تەپەككۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز – ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، سەمىمىي بولۇپ، تۆھپە قوشۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىشىنىمەنكى، كېڭىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، چوقۇم ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتە ئەقىل كۆرسىتىش بىلەن ئىدىيە – سىياسىي جەھەتتە يېتەكلەشتىن ئىبارەت ‹‹قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولالايمىز. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى ۋە ئىقتىساد كومىتېتى بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ياخشى تەجرىبىلەرنى، ياخشى ئۇسۇللارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش ۋە پىكىر – تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا جەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە يوللاپ، كېڭىشىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كېڭىشىش نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ماغاۋ سېيتقامزا، جاڭ بو، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى