تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىغا ياۋا ئۆردەكلەر ماكانلاشتى

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: «قاراڭ، ياۋا ئۆردەكلەر بىردە رەتلىك تىزىلىپ ئۈزسە، بىردە قىرغاقتا ئويناشتى...» 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىدا ياۋا ئۆردەكلەر سۈنئىي كۆل ۋە شىمىگۇ ئۆستىڭىدە ئۈزۈپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىدىكى ياۋا ئۆردەكلەر

  شىمىگۇ باغچىسى ساياھەتچىلەر مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ رۈيشۈەن تونۇشتۇرۇپ، ياۋا ئۆردەكلەرنىڭ بۇ يەرگە ماكانلىشىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى، بۇلتۇر 5-ئايدا ئىككى-ئۈچ ياۋا ئۆردەك بۇ يەرگە كېلىپ ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالغان ئىكەن. بۇ يىل 6-ئايدا باغچە خىزمەتچىلىرى سۇ ئوتلىرى ئارىسىدىن بىرنەچچە ياۋا ئۆردەكنى ۋە ياۋا ئۆردەك تۇخۇملىرىنى بايقىغان، كېيىن ئون نەچچە ياۋا ئۆردەك چۈجىسى قوشۇلغان.

  جاڭ رۈيشۈەننىڭ قارىشىچە، باغچىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلانغانلىقتىن، ياۋايى ھايۋانلار ياشاش مۇھىتىغا ئىگە بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، شىمىگۇ ئۆستىڭىنىڭ سۈيى پاكىز بولۇپ، بۇ يەردە ياۋا ئۆردەكلەر يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلەيدىكەن، بۇ يەر ياۋا ئۆردەكلەرنىڭ ماكانلىشىشىغا ناھايىتى ماس كېلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى