تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

‹‹ئاممىغا مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ بەرسىڭىز، ئامما تەبىئىيلا سىزگە ئىشىنىدۇ››

 ــــ ‹‹مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى›› ئالاھىدە پىروگراممىسى ‹‹يېقىشلىق <سۆزلەر> ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر›› جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

  شۈ شياۋياڭ فۇجوۋ شەھىرى ئاۋفېڭ ساقچىخانىسىنىڭ ئاددىي خەلق ساقچىسى. چۇڭياڭ بايرىمىنىڭ ئالدىدا، ئۇ تەۋەلىكىدىكى ياشانغانلارغا بىر ئالاھىدە سوۋغات، يەنى ئۆزى ئىشلىگەن ئىككىلىك كودنى ھەدىيە قىلدى.

  ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى›› ئالاھىدە پىروگراممىسى ‹‹يېقىشلىق <سۆزلەر> ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر››نىڭ 5 – قىسمى ‹‹قۇياشتەك ئىللىق ئانا مېھرىگە جاۋاب قايتۇرۇش››نى كۆرۈپ، ناھايىتى كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولدى. بۇ قىسىمدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ‹‹باشقىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار بولغاندەك ۋاپادار بولۇش››تەك ۋاپادارلىق ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكى نامايان قىلىنغان.

  ئاۋفېڭ ساقچىخانىسىنىڭ تەۋەلىكى فۇجوۋنىڭ كوناشەھەر رايونىدا، ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى – ئۈچ قېتىمغىچە ياشانغانلارنىڭ ئادىشىپ قېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا خەلق ساقچىلىرى ئىككىلىك كود ئىشلەپ، ياشانغانلارنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشىگە بەردى، بۇ ئىككىلىك كودنى يان تېلېفوندا سىكاننېرلىسىلا، شەخسنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە تەۋەلىكتىكى 15 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىدە بۇنداق ئىككىلىك كود بار.

  ‹‹ياشانغانلارنى كۈتۈش، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش نۇرغۇن كىچىك ئىشتا ئىپادىلىنىدۇ. خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇمغا قويۇپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، ياشانغانلارغا ئەتراپلىق غەمخورلۇق قىلىمەن››، دېدى شۈ شياۋياڭ.

  پىروگراممىنىڭ 6 – قىسمى ‹‹ئاسمان – زېمىننى خۇش پۇراققا تولدۇرۇش›› ئاساسلىقى ‹‹كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى››دىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ ئىشلەنگەن.

  شاڭخەي شەھىرى شۈخۇي رايونى خۇڭمېي كوچا باشقارمىسى مەھەللە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ساۋ لېي مۇنداق دېدى: پىروگراممىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە تەتبىقلىغان ئۆرنەكلىرى كۆپ نۇقتىدىن يېشىپ بېرىلگەن بولۇپ، بىزنى كۈچلۈك ئىلھاملاندۇردى، تەربىيەلىنىش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى يۈكسەلدۈرۈشتىكى بىر خىل ئاڭلىقلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنىڭ رولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىكى بىر خىل ھەرىكىتى. پىروگراممىدا دېيىلگەندەك، تەربىيەلىنىش بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى.

  ساۋ لېي مۇنداق دېدى: ھازىر ئاساسىي قاتلامدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە خىرىس بىرقەدەر زور، خۇڭمېي كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى خىزمەت داۋامىدا ‹‹مارافونچە ئوقۇش›› شەكلىدە نەزەرىيەۋى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى ھەققىدە سۆزلىشىش›› باش تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق يېڭىچە، مودا ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسەرگە چۆكۈش، ھېس قىلىش داۋامىدا تەربىيەلىنىشكە يېتەكلەپ، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىدا نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  پىروگراممىنىڭ 7 – قىسمى ‹‹تېگىنى بىلىش ئۈچۈن ئىشنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەش››تە، ئۇلۇغ ئىرادە بولۇش، ئۇلۇغ نەتىجە يارىتىش، تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېرىلىپ ئىشلەش توغرىسىدىكى بايانىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش روھىغا ۋە ماركسىزملىق ئەمەلىيەت قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭ راۋاجى ئىكەنلىكى شەرھلەنگەن.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش... شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لاسا شەھىرى چېڭگۇەن رايونى سەيگۇڭتاڭ يېزىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يۇڭخەي گەرچە كۈندىلىك خىزمەتلەر چىگىش، مۇرەككەپ بولۇپ، يېرىم كېچىدە ئىشتىن چۈشسىمۇ، يەنىلا ‹‹يېقىشلىق <سۆزلەر> ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭ قوللانغان ئۆرنەكلەر››نى ياندۇرۇپ كۆرۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.

  جاڭ يۇڭخەي بەش يىل ئىلگىرى جۇڭگو دېڭىز – ئوكيان داشۆسىدە ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىزاڭغا كېلىپ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۆگەندى. پىروگراممىنىڭ 7 – قىسمىدا شەرھلەنگەن ئەمەلىيەتنىڭ مۇھىملىقى ئالىي مەكتەپتىن چېگرا رايونغا كەلگەن بۇ ئاساسىي قاتلام ياش كادىرىنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلدى.

   جاڭ يۇڭخەي: قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ. گەرچە ۋەتىنىمىزنىڭ چېگرا رايونىنىڭ شارائىتى جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما سەھنىسى كەڭ، ياشلارغا نىسبەتەن زور ھەم ياخشى زېمىن، دېدى. دەل مۇشۇنداق ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ئۇنىڭ ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي شىزاڭغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  سەيگۇڭتاڭ يېزىسىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ تۇنجى قېتىم چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ بېيىش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئەمما بىلىم ۋە تەجرىبىسىنىڭ كەمچىللىكىدىن تەرەققىيات يولىنى تاپالمىغانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. جەلپ قىلىنغان ئىختىساسلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ يۇڭخەي ئىچكىرىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى شىزاڭغا ئېلىپ كېلىپ، شۇ جاينىڭ پەن – تېخنىكا كەسىپلىرى ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زاڭزۇ ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  جاڭ يۇڭخەي مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە ئاممىنىڭ تەلىپى ناھايىتى ئاددىي، مۇھىم نۇقتىنى ئىگىلەپ، ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئىشلەپ، ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزدە كۆرسىتىپ، ئاممىغا مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ بەرسىڭىزلا، ئامما تەبىئىيلا سىزگە ئىشىنىدۇ. ئاممىنىڭ مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇرغان ئىللىق تەبەسسۇمى ياش كادىرلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ھايات كەچۈرمىشى ۋە ئىنتىلىشىدۇر.

    پىروگراممىنىڭ 8 – قىسمى ‹‹بىلىمدە كامالەتكە يەتكەنلەر چىرايىدىن بىلىنىدۇ››دا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىش›› ئىدىيەسى نۇقتىلىق يېشىپ بېرىلگەن.

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ ۋەنپىڭ بۇ يىل 4 – ئايدا لياڭجياخېغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە قاتناشقان بولۇپ، بۇ قىسىمنى كۆرۈپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ‹‹گەمىنىڭ شارائىتى شۇنچە جاپالىق تۇرۇپمۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپتۇ، بۇ بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشىمىزگە ئىلھام بولدى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلدى.››

  ئىقتىساد ئۆگەنگەن جاۋ ۋەنپىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› مۇتەخەسسىسى، نامراتلارنى يۆلەش مۇتەخەسسىسى. ‹‹كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق نۇرغۇن يېزا ئىگىلىك كەسپىي بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ئاندىن ئۇنى يېزا ئىگىلىك ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد بىلىملىرى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنى باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇم.››

  ‹‹ئۆگىنىشنىڭ چېكى يوق، ۋاقىتنى چىقارغىلى بولىدۇ، ئۆگىنىشنى تاماق يېيىش، ئۇخلاشقا ئوخشاش مۇھىم ئىش، دەپ بىلىش كېرەك.›› 52 ياشلىق جاۋ ۋەنپىڭ بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەمىشە ئامال بار كەچتە ۋاقىت چىقىرىپ، ئۈستەل ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىدۇ.

  سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھىرى شىڭشيەن ناھىيەسىنىڭ ۋەزىپە بىلەن چېنىقىۋاتقان مۇئاۋىن ھاكىمى ليۇ خەيگۈي مۇنداق دېدى: باش شۇجى قوللانغان ئۆرنەكلەردە مەيلى يېڭى دەۋردىكى ۋاپادارلىق قارىشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە ئۆگىنىشى تەشەببۇس قىلىنغان بولسۇن ياكى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك بېرىلىپ ئىشلەش پەزىلىتى بايان قىلىنغان بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولۇپ، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمىتىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇسۇل جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى.

    بۇ يىل يازدا، ليۇ خەيگۈي نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن لۈلياڭ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شىڭشيەن ناھىيەسىگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتىلدى. تاغلىرى ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر، تەبىئىي شارائىتى ناچار شىڭشيەن ناھىيەسىدىكى 80 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ 35 مىڭى تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن پۇختا، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيمىز، قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىشەنچىمىز كامىل. ھازىر ناھىيەمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى ئويلىشىپلا قالماي، يەنە تىرىشىپ يېزا كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالماقتا.

  (مۇخبىرلار بەي يىڭ، ۋاڭ چېڭ، گو جىڭدەن، ۋاڭ چىنئوۋ، جاڭ زىيۈن، سۈن لياڭچۈەن)

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى