تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نورۋېگىيە پادىشاھى خارالدVبىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  شى جىنپىڭ ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى پېررىي بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى.(مۇخبىر لى جۇڭفا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى خەلق سارىيىدا نورۋېگىيە پادىشاھى خارالدV بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ خارالدV نىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، خارالدV ۋە نورۋېگىيە خان جەمەتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو – نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو – نورۋېگىيە مۇناسىۋىتى 2016 – يىلى نورماللاشقاندىن بۇيان مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو – نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق مەنپەئەتدارلىق دەۋر ئېقىمىغىمۇ ئۇيغۇن. نورۋېگىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ۋە جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. كېلەر يىلى، جۇڭگو بىلەن نورۋېگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ نورۋېگىيە تەرەپ بىلەن بىللە بۇنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو – نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتەك ئالاقىلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە ھەقىقىي ئېتىبار بېرىپ، جۇڭگو – نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ئىزچىل داۋاملىشىشى ئۈچۈن پۇختا سىياسىي ئاساس سېلىشى كېرەك. ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ نورۋېگىيە تەرەپ بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ نورۋېگىيە تەرەپ بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، نورۋېگىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تەجرىبىلەردىن بەھرىلىنىشى ھەم قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىشىنى قارشى ئالىدۇ. خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىق ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمىچىلىكنى قوغداپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قول تۇتۇشۇپ قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ نورۋېگىيە تەرەپ بىلەن شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشى رامكىسى ئىچىدە ئالماشتۇرۇش – ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، نورۋېگىيەنىڭ داۋاملىق جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى، جۇڭگو – شىمالىي ياۋروپا ھەمكارلىقى ئۈچۈن پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  خارالدV مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مەن خانىش بىلەن 1985 – يىلى جۇڭگودا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، جۇڭگوغا كۆپ قېتىم كېلىپ، جۇڭگودىكى تېز تەرەققىيات ۋە زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. مېنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشۇم نورۋېگىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ قايتا ئىزىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ھەم كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى قايتا نامايان قىلىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نورۋېگىيە – جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارىشىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى يەنە قېزىشقا بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. بىز ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى، نورۋېگىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش – ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ 2022 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا خارالدVنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، ياڭ جيېچى، جى بىڭشۈەن، گۇ شېڭزۇ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر لى جۇڭفا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى خەلق سارىيىدا ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى پېررىي بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ پېررىينىڭ جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىنىڭ بېشىدا، غەرب دۆلەتلىرى يېڭى جۇڭگوغا سودا قامىلىنى يولغا قويغان پەيتتە، دادىڭىز ئەنگلىيە سودا – سانائەت ساھەسىدىكى نەچچە ئون بىلىملىك زاتنى باشلاپ، قاتمۇقات توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ جۇڭگوغا كېلىپ، ‹‹مۇز يېرىش سەپىرى››نى باشلاپ، جۇڭگو – ئەنگلىيە دوستلۇقىدا تىللاردا داستان بولغۇدەك ھېكايىلەرنى قالدۇرغان، ئۇ تولىمۇ قالتىس كىشى. جۇڭگو خەلقى ئاشۇ مۈشكۈل يىللاردا جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشقان پېشقەدەم دوست زاتلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. ‹‹مۇز يېرىش سەپىرى››گە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى، دۇنيادىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئەمما، ‹‹مۇز يېرىش سەپىرى›› ھېلىھەم مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈن، جۇڭگو – ئەنگلىيە دوستلۇقى بىز ئىككى دۆلەت كىشىلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى››نى ئورتاق يارىتىش بىز ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، ‹‹مۇز يېرىش سەپىرى››نىڭ روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشماقتا. 48 گۇرۇھ كۇلۇبى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ‹‹مۇز يارغۇچى››لار داۋاملىق تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن جۇڭگو – ئەنگلىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ئاتلاندى. ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو – ئەنگلىيە دوستلۇقى چوقۇم ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇستەھكەملىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشماقتا. جۇڭگو 5000 يىللىق شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، يېقىنقى زاماندىكى ئىككى، ئۈچ يۈز يىللىق بېكىنمىچىلىك بىزنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تارىخىي ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنى باشلىدى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. بۇ 40 يىلدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش ئىرادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى. نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە، جۇڭگو يەنە سودا ئەركىنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ قەتئىي قوللايدۇ. بىز خەلقئارا ئىشلاردا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، گۇمانلىنىش، بىر تەرەپلىمە قاراش، خاتا چۈشىنىشتىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. جۇڭگو دۆلەت قۇدرەت تاپسىلا زومىگەرلىك قىلىدىغان يولدا ماڭمايدۇ. بىز دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى. جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جۇڭگو – ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالتۇن دەۋرى››نى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

    پېررىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دادام ‹‹مۇز يېرىش سەپىرى››نى باشلىغان ۋاقىتتا، جۇڭگو تېخى ئىنتايىن نامرات، قالاق ئىدى. ئۆتكەن 40 يىل مابەينىدە، جۇڭگو پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 – قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بۇ دەۋردىكى بۈيۈك قۇرۇلۇش. مېنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشۇم چوڭقۇر، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو چوقۇم ئۆز نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. 48 گۇرۇھ كۇلۇبى جۇڭگونىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش – گۈللىنىش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. بىز رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە يۈكسەك باھا بېرىمىز، ‹‹مۇز يېرىش سەپىرى›› روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۇنياۋىلىشىشنى قوللايمىز، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇشنى قوللايمىز، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە ئەنگلىيە – جۇڭگو ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى قوللايمىز.

   ياڭ جيېچى كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى