تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

سەنشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى

  چېن چۈەنگو، لو خۈينىڭ، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 16 – كۈنىگىچە، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو خۈينىڭ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  10 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، سەنشى ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن سەنشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، شۇنداقلا پۈتۈن ئۆلكىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، سەنشى زېمىنىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ نامايان بولدى. بىز بۇنى چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساس، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى نېگىز، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى ئاساسىي لىنىيە، ئەقلىي كۈچ ۋە ئىختىساسلىقلارنى تىرەك قىلىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۈەن 6 – شىسى، 12 – شىسىغا كۆپ تەرەپلىك نىشانلىق ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئاتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولۇش، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولۇش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتى بارلىققا كەلدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سەنشىنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشتىكى ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىمىز، سەنشى خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

  لو خۈينىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سەنشى ئۆلكىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىشتىكى مەقسىتى شىنجاڭدىن ئۆگىنىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، ئۆلكىمىزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ‹‹بىر باش نىشان››دا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتا››نى ئىگىلەپ، ‹‹بىر ياخشى مېخانىزم››نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹بىر يۈرۈش بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى، كېڭىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە غايەت زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ۋەتىنىمىز چېگرا رايونىنىڭ گۈللىنىشى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. لو خۈينىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش سەنشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيىتى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پۈتكۈل مۇساپىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم، زور ۋەزىپىنى قەتئىي ياخشى ئورۇندايمىز. بىرىنچى، تەلەپكە توغرىلىنىپ، ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىككىنچى، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ياردەم بېرىش مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئۈچىنچى، ۋاسىتىنى بېيىتىپ، ياردەم بېرىش ئوسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىمىز. تۆتىنچى، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ياردەم بېرىش كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز. لو خۈينىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەنشى بىلەن شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مەدەنىيەت، ئىقتىساد – سودىسى تۇتىشىپ كەتكەن، ھەمكارلىق مەنبەسى چوڭقۇر، ئاساسى پۇختا. بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى زىچ ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى جاينىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، يېڭى باسقۇچقا ئاتلىنىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز.

  سۆھبەت يىغىنىدا، لى پېڭشىن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۈەننىڭ سىلىڭيۈەنى پېڭ جيارۈي ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئايرىم – ئايرىم تونۇشتۇردى، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لىن ۋۇ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى سانجى ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ شەھىرى ۋە بىڭتۈەن 6 – شىسىنىڭ ۋۇجياچۈ شەھىرى، 12 – شىسىنىڭ 222 – تۈەنىگە كېلىپ، شەھەر – بازار، تۈەن – مەيدان، يېزا، ليەندۈي، كان رايونى، چارۋىچىلىق مەيدانى، كەسىپلەر رايونى، مەدەنىيەت سارىيى، دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن سارقىت ئاقان، جەرۇللا ھېسامىدىن، لى شىنمىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.