جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى يولداش ئىسمائىل ئەھمەد ۋاپات بولدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق دۆلەت كومىسسارى، 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش ئىسمائىل ئەھمەد كېسەل سەۋەبىدىن 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى سائەت 11 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە 84 يېشىدا بېيجىڭدا ۋاپات بولدى.