ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز سەرىك، پەرىدە خەۋىرى، فوتوسى: «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىزگە بەك غەمخورلۇق قىلدى، يېقىندا بىزگە بۇغداي ئورۇشۇپ بەرگەن ئىدى، ئەمدى پاختا تېرىشىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇلار بولغاچقا كۆڭلىمىز ئىللىقلىققا ۋە خاتىرجەملىككە تولدى». تولى ناھىيەسى ئۇت بازىرى چالىغاي كەنتىدىكى ئېربۇلات قۇرمانسەيت خالتا-خالتىلارغا قاچىلانغان پاختىلارغا قاراپ خۇشال بولغىنىدىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالدى.
ھازىر دەل پاختا تېرىش مەزگىلى بولۇپ، تولى ناھىيەلىك سودا ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، خاتۇ ئالتۇن كېنىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆيمۇئۆي زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئېربۇلات قۇرمانسەيت ئائىلىسى ھۆددىگە ئالغان 30 مو يەردىكى پاختىنىڭ تېخى يىغىلمىغانلىقىنى بىلدى، ئېربولاتنىڭ ئايالىنىڭ تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولۇپ، ئۆيىدە پەقەت بىرلا ئەمگەك كۈچى بار ئىدى، پاختا تەرگۈچىلەرنى ئىشقا سالغۇدەك پۇلى بولمىغاچقا، ئۇلار پاختىنى ۋاقتىدا تېرىپ بولالمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى ساۋ گۇاڭخۇا قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىدىن بولۇپ يەتتە كىشىنى باشلاپ ئۇلارنىڭ پاختىسىنى تېرىشىپ بەردى.
ساۋ گۇاڭخۇا مۇنداق دېدى: بۇ كېۋەزلىكتە يەنە ئىككىنچى قېتىم پاختا تېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، بىز يەنە داۋاملىق ياردەم قىلىپ، پاختىنى ۋاقتىدا تېرىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.