تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى

  جاڭ نەن

  تېررورىزم ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولۇپ، ھازىرقى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ كەسكىن ۋە تەخىرسىز خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە ئايلاندى، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ تېررورىزمغا زەربە بېرىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشى، شۇنداقلا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى. 1963 – يىلىدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ‹‹تېررورىزملىق پارتلىتىشنى توسۇش خەلقئارا ئەھدىنامىسى››، ‹‹تېررورىزمنى ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى توسۇش خەلقئارا ئەھدىنامىسى›› قاتارلىق تېررورلۇق قىلمىشىنى توسىدىغان 19 خەلقئارا قانۇن ھۆججىتىنى تۈزۈپ، خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىشانىغا يېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىستېمىسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا تېررورىزم توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئەھدىنامە تۈزۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى››نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەينى چاغدىكى باش كاتىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت مەشغۇلات قىلىشقا بولىدىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ھەمكارلىشىپ تېررورىزمغا زەربە بېرەلەيدىغان ئىستراتېگىيەنى بەرپا قىلىشتۇر.

  2006 – يىلى 9 – ئاينىڭ 8 – كۈنى، 60 – نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 99 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى›› (288/ 60) توغرىسىدىكى قارار ماقۇللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىندى، بۇ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدە بۈگۈنگىچە 21 – ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى. بۇ قاراردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئىزچىل قارىشى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن، تەكىتلەنگەندىن سىرت، يەنە تەرەققىيات، تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىقى ۋە بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغانلىقى، بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى تولۇق تونۇپ يېتىلىپ، تېررورىزمنىڭ يامرىشىغا پايدىلىق شارائىتنى يوقىتىش زۆرۈر، دەپ قارالدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا رولى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشى تەشەببۇس قىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ ئىستراتېگىيەنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلىندى ھەم ئىستراتېگىيەنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئىستراتېگىيەنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى ھەم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش قارار قىلىندى.

  ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى››دە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق باھانە بىلەن، ھەرقانداق ئۇسۇلدا ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمنى يولغا قويۇشىغا بىردەك قارشى تۇرىدىغان قەتئىي مەيدانى، ھەرىكەت قوللىنىپ بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىدىغان قەتئىي ئىشەنچى تولۇق نامايان قىلىندى. بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ كونكرېت مەزمۇنىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېررورىزم پەيدا بولىدىغان شارائىتنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنى چۆرىدەپ، تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت تۆت تۈۋرۈك ساھەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى تۈزۈشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كونكرېت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىنىشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك خەلقئارا قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

  شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىل مابەينىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى گەرچە باش كاتىپ ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى››نى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يەنىمۇ ئورتاق تىرىشىپ، ئۇنىۋېرسال، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىستراتېگىيە مەزمۇنىنى يولغا قويۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇراجىئەت قىلغان ھەم ئىستراتېگىيەنى تەڭشەپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەريانىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ كەلگەن رېئال تەھدىت ئۈنۈملۈك يوقىتىلمايلا قالماي، نۇرغۇن جايدا ھەتتا بارغانسېرى كەسكىن ۋەزىيەت كۆرۈلدى. ئەنگلىيە جېنىس تېررورىزم ۋە توپىلاڭ ئاخبارات مەركىزى(JTIC)نىڭ بىر تۈرلۈك ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2015 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى 18 مىڭ 987 قېتىمدىن 24 مىڭ 202 قېتىمغا كۆپىيىپ، %25 ئېشىپ، ئون يىل ئىلگىرىكىنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسىگە يەتكەن. خەلقئارا جەمئىيەتمۇ قورال كۈچىگە تايىنىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئارقىلىقلا زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ يامرىشىنى توسۇشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى كۈنسېرى تونۇپ يەتتى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قورال كۈچىنى ئاساس قىلغان جىسمانىي يوقىتىش تاكتىكىسى بىلەن چەكلىنىپ قالماي، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئۇسۇل بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ‹‹قاتتىق›› تەدبىرىنى ساقلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئالدىنى ئالىدىغان ‹‹يۇمشاق›› ۋاسىتىنى تۇرغۇزۇپ، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى قەدەم – باسقۇچلۇق يوقىتىپ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك خىزمەتنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  2016 – يىلى 12 – ئايدا، ئەينى ۋاقىتتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ‹‹زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى›› ( 674 /70) توغرىسىدىكى دوكلاتتا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئون يىلدا خەلقئارا جەمئىيەت ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى››دىكى تۆت تۈۋرۈك ساھەدە تېررورىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش خىزمىتىنى ئىجرا قىلىشقا نۇقتىلىق ئېتىبار بېرىپ، تېررورىزم پەيدا بولىدىغان شارائىتنى يىلتىزىدىن يوقىتىشقا، شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە قانۇنچىللىقنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ساھەدىكى تەدبىرگە دائىم سەل قارىدى، ئىلگىرىكى تەجرىبە – ساۋاقلار ۋە كەلگۈسى خىرىسقا ئاساسەن، ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى››نى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى ئەستايىدىل تەڭشەپ، بۇ ئىككى ساھەدىكى تەدبىرنى قايتىدىن قوزغىتىشقا توغرا كېلىدۇ. دوكلاتتا نامراتلىق، ئىشسىزلىق ۋە ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كەمچىل بولۇش، زوراۋانلىق، ئەسەبىزم ئىدىيەسى تۈرمىدە ئاسانلا يامراش ھەم ئۆتكۈرلىشىش، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن زوراۋانلىق، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ئاسانلا سىڭدۈرۈۋېلىش، دىنىي ئېتىقادنى بۇرمىلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مىللەت، نەسەب پەرقى ۋە سىياسىي ئىدىيە سىستېمىسى قاتارلىق تەرەپلەر زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سەۋەبى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىپ، بالدۇر قول سېلىپ، زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنى سىجىل تۈگىتىش تەكلىپى ئېنىق بېرىلدى. دوكلاتتا يەنە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سىياسىتى بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق شەكىلدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىپ، سۈپەتلىك مائارىپقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن ئومۇميۈزلۈك بەھرىلەندۈرۈش؛ زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر توپىنى تەربىيەلىنىش پۇرسىتى ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى زوراۋانلىق، ئەسەبىزم كۈچلىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ مەھەللە ساقچى ئىشلىرى ئەندىزىسى ۋە لايىھەسىنى قوللىنىش؛ ياشلارنى داۋاملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش، كەسپىي تەربىيەلەش بايلىقى بىلەن تەمىنلەش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ دۆلەت ھەرىكەت پىلانى ۋە رايون ئىستراتېگىيەسى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شۇنىڭ بىلەن تەڭ قەدەمدە، ئەنگلىيە ‹‹11 – سېنتەبىر›› ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەسەبىزمنىڭ ‹‹ئالدىنى ئېلىش›› ئىستراتېگىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، 2015 – يىلى 2 – ئايدا، ‹‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە خەۋپسىزلىك قانۇنى لايىھەسى››نى ماقۇللاپ كۈچكە ئىگە قىلدى. بۇ قانۇن لايىھەسى ‹‹ئالدىنى ئېلىش›› ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەسى تۈرىنى قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلدى. بۇ تۈر ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان كىشىلەرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىزدىنىش ئەمەلىيىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پايدىلىق تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

  بۇ يىل 6 – ئايدا، 72 – نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 101 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى قارار››(284/ 72) ماقۇللىنىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ‹‹زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى››نى ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەم تېررورىزمنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەل مۇھىم نۇقتىسىغا ئاساسەن، دۆلەت ۋە رايون ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈشنى ئويلىشىشى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ۋە تەكلىپ قىلىندى.

  ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى›› بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى مۇھىم قارارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ماكرولۇق ئىستراتېگىيەسى ۋە كونكرېت تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ۋە جانلىق قانات يايدۇرۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى، يەنە تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەڭشىدى ۋە تۈزەتتى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى››نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  (ئاپتور: غەربىي شىمال سىياسىي – قانۇن داشۆسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى)

  (‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىكى سانىنىڭ 11 – بېتىگە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى