تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېررورىزم كىشىلىك ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېغىر تەھدىت سالدى

  لى چاڭلىن

  تىنچلىق ۋە تەرەققىيات بۈگۈنكى دۇنيانىڭ باش تېمىسى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، خەۋپ – خەتەر كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ، داۋاملىق يامراۋاتقان تېررورىزم بۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەرقانداق تېررورىزم قىلمىشى نېمە مۇددىئا بولۇشى، قاچان يۈز بېرىشى، قانداق ئادەمنىڭ سادىر قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىلا ئاقلىغىلى بولمايدىغان جىنايى قىلمىشتۇر. ‹‹ۋېنا خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى››دا: تېررورىزم قىلمىشى، ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىنىڭ بارلىق شەكلى ھەم ئىپادىسى كىشىلىك ھوقۇق، ئاساسىي ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنى ۋەيران قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەت، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

  تېررورىزم ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزدى. تېررورىزمنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بىۋاسىتە يەتكۈزگەن زىيىنى تېررورچىلارنىڭ پۇقرالارغا زور كۆلەمدە تېررورلۇق ھەرىكىتى قوللىنىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاپ، ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى نەزەرگە ئالماي، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ئالاقىدار ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەر 4000غا يەتكەن، 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى ئۆلگەنلەر بىر ھەسسە كۆپەيگەن. 2001 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە، دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 160 مىڭ قېتىم تېررورلۇق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن، تېررورلۇق ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن ئۆلگەنلەر 300 مىڭغا يېقىنلاشقان، 800 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسىغا ئايلانغان.

   تېررورلۇق ھەرىكىتى ۋەھىمىدىن خالىي تۇرۇش ئەركىنلىكىگە دەخلى – تەرۇز قىلدى. تېررورلۇق ھەرىكىتى تالاپەتكە ئۇچرىغۇچى، يارىلانغۇچى، قۇتقۇزغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىدا ئېغىر كېسەل ئاسارىتى ۋە پىسخىك يارىسى پەيدا قىلدى. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان شەھەردىكى شەھەر ئاھالىسىدە پىسخىك كېسەل پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى مەلۇم بولغان. 2004 – يىلى مادرىد شەھىرىدە زەنجىرسىمان پارتلىتىش ھۇجۇمى دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئازاب سېزىمچانلىقى توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلى ۋە خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان؛ 2005 – يىلىدىكى لوندون ‹‹7 – ئىيۇل›› پارتلىتىش دېلوسىدىن كېيىن، %31 زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ روھىي بېسىمى شىددەت بىلەن ئاشقان، %32 زىيارەت قىلىنغۇچىنىڭ ساياھەت قىلىش مۇددىئاسى سۇسلاشقان، يېرىم يىلدىن كېيىن، بۇ روھىي بېسىم كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن قالدۇق ئەندىشە پىسخىكىسى يەنىلا مەۋجۇت بولغان، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۆزى ۋە باشقىلارنى يەنىلا غايەت زور يوشۇرۇن خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دەپ قارىغان. بۇنىڭدىن سىرت، تېررورلۇق ھەرىكىتى پەيدا قىلغان ۋەھىمە كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ‹‹نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ‹‹11 – سېنتەبىر›› ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ پىسخىك جەھەتتىن زەخىملەنگەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان، قەيەرگىلا بارماقچى بولسا پىيادە ماڭغان ياكى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغان.

  تېررورلۇق ھەرىكىتى مال – مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ‹‹11 – سېنتەبىر›› ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىغا يەتكۈزگەن زىيىنى 200 مىليارد دوللارغا يەتكەن، دۇنيا ئىقتىسادىغا يەتكۈزگەن زىيىنى تەخمىنەن 1 تىرىليون دوللار ئۆپچۆرىسىدە بولغان. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2002 – يىلىدىن 2015 – يىلىغىچە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى پەيدا قىلغان مال – مۈلۈك زىيىنى 33 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن پاسسىپ تەسىرىنى مۆلچەرلەش تېخىمۇ تەس. بۇنىڭ ئىچىدە، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ساياھەتچىلىككە كەلتۈرگەن زىيىنى 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ. 2015 – يىلى 8 – ئايدا تايلاند باڭكوكتا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 20 كىشى ئۆلگەن. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئايدا، نۇرغۇن چەت ئەللىك ساياھەتچى سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاچقا، تايلاندنىڭ ساياھەتچىلىكى غايەت زور زەربىگە ئۇچرىغان. 2015 – يىلى 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنى فىرانسىيەنىڭ پارىژدا يۈز بەرگەن بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 132 كىشى ئۆلگەن، 300دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان، بۇ قېتىمقى ۋەقە فىرانسىيەگە تەخمىنەن 2 مىليارد 100 مىليون دوللار ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ساياھەت ۋە ئىستېمال چىقىمى ساھەسىدىكى زىيان بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغان. تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىدە، مىسىر 2016 – يىلى 1 – پەسىلدە كۈتۈۋالغان چەت ئەللىك ساياھەتچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىراقلا %46.5 ئازىيىپ كەتكەن، تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەر نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى سەرپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەسلىدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بۇ قىممەتلىك بايلىقلار ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن تېررورلۇقتىن مۇداپىئەلىنىشكە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا سەرپ قىلىنغان.

  تېررورىزم تەرەققىيات ھوقۇقىغا خەۋپ يەتكۈزدى. تەرەققىيات ھوقۇقى ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق، تەرەققىيات ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرگەندىلا، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھەم سىياسىي ھوقۇقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن تېررورىزم تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ ھەم دائىم يۈز بېرىدىغان بەزى دۆلەتلەر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پاراكەندىچىلىكىنى يەتكۈچە تارتتى، خەلق ئېغىر كۈندە قالدى، ئىقتىساد ئېغىر دەرىجىدە چېكىندى، كىشىلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقى پۈتۈنلەي كاپالەتكە ئىگە بولالمىدى. تېررورىزم مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرگىلى ۋە مۇقىم ئۆستۈرگىلى بولمايدۇ.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تېررورىزم كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ كۈشەندىسى، تېررورىزمغا زەربە بېرىش كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش بولماستىن، بەلكى كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. تېررورىزم دۇنيا مىقياسىدا مەۋجۇت ھادىسە. تېررورىزمنى يوقىتىش بىرلا دۆلەتنىڭ ئىشى بولماستىن، بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، تېررورىزمدىن ئورتاق مۇداپىئەلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا، كىشىلىك ھوقۇقتىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىلەنگىلى بولىدۇ.

  (ئاپتور: غەربىي جەنۇب سىياسىي – قانۇن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى)

  (‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىكى سانىنىڭ 11 – بېتىگە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى