تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ياشانغانلار داشۆسى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدار قىلدى

ئوقۇغۇچىلار ئۇسسۇل ئۆگەنمەكتە.

  پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز يەن جېنلىڭ، مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى، فوتوسى: مۇخبىرلار 10-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ياشانغانلار داشۆسىگە بېرىپ، بۇ داشۆنىڭ تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلىرى، دەرسلىكلەرنىڭ تەسىس قىلىنىش ئەھۋالىنى زىيارەت قىلدى. شىنجاڭ ياشانغانلار داشۆسى قۇرۇلۇشى 2018-يىلى 1-ئايدا تاماملانغان بولۇپ، ئوقۇتۇش بىناسى ئومۇمىي كۆلىمى 22 مىڭ 508 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇ داشۆدە 39 ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇسسۇل، ناخشىلىق مۇزىكا، خەتتاتلىق ۋە رەسىم، ساز قاتارلىق تۈرلۈك كەسپىي سىنىپتىن 40 قا يېقىن بار. 2018-يىلى ئەتىياز ۋە كۈزدە جەمئىي 139 سىنىپ ئېچىلغان بولۇپ، 30 غا يېقىن كەسىپكە 4630 ئادەم/قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

  ياشانغانلار داشۆسىدە گارمون دەرسى ئۆگىنىۋاتقان 67 ياشلىق ليۇ جىگاڭ: «ئىككى كۈن ئىلگىرى ئۆيدە نەۋرەم بىلەن بىرلىكتە ياشانغانلار داشۆسىدە يېڭى ئۆگەنگەن گارمون مۇزىكىسىنى چالدىم. گارمون ئۆگەنگەندىن باشلاپ نەۋرىلىرىم بىلەن پاراڭلىشىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تېما بار بولدى» دېدى.

  شىنجاڭ ياشانغانلار داشۆسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ دېچۈەن: «مەكتەپ ئېچىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىمىز ياشانغانلارغا ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ياشانغاندىكى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ مول، قىزىقارلىق قىلىش، ئۇلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە تېخىمۇ ساغلام قىلىش» دېدى.

ئوقۇتقۇچى رەسىم سىزىشنى ئۆگەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى