10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان خېبېي ئۆلكىسى شۈەنئېن ناھىيەسى شاداۋگۇۋ بازىرىدىكى سۇڭپىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ سۈرىتى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى شاداۋگۇۋ بازىرى بىلەن بىرگە سۇ، توك قاتارلىق ئاساسىي ئەسلىھەدىن ھەمبەھىرلىنىدۇ.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خۇبېينىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلارغا جايلاشقان خېبېي ئۆلكىسى ئېنشى تۇجيا-مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شۈەنئېن ناھىيەسىدە تاغ كۆپ نوپۇس ئاز بولۇپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا، بۇ ناھىيەدىكى ئاھالىلەر يىراق تاغلىق رايوندا ئاساسىي ئەسلىھە كەمچىل، ئىشلەپچىقىرىش تايانچى يوق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تاغنىڭ سىرتىغا كۆچۈرۈلگەن. ئۈچ يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن، بۇ ناھىيەدىكى 11 مىڭ نامرات دېھقان ئاھالىسى 90 دىن ئارتۇق شەھەر رايونى، ساياھەت رايونى، سانائەت باغچىسى ئەتراپىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بازارلىرىغا كۆچۈرۈلۈپ، سۇ، توك، يول، داۋالىنىش، ئوقۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەركەزلىك ھالدا ھەل قىلىنغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە دېھقانلار شەھەر رايونى، ساياھەت رايونى، سانائەت باغچىسى قاتارلىقلار تەمىنلىگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرستىدىن كىرىمگە ئېرىشىپ، دېھقانلارنىڭ «كۆچۈپ چىقىپ، مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، باي بولۇش» يولى كاپالەتلەندۈرۈلگەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇڭ ۋېن فوتوسى)