تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە تېررورىزمغا تاقابىل تۇرايلى

  ۋۇ ۋېنياڭ

  نامراتلىق ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە تېررورىزمنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ، ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىلىپ، زىددىيەت پەيدا قىلىپ ۋە ئۇنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدۇ. نامراتلىقنى تۈگەتكەندە، ئاممىنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، يەنە ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە تېررورىزمنىڭ تارقىلىشىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

  ھازىرقى زاماندىكى تېررورىزم ھەم ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ، نامراتلىق ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمىشە مىللەت، دىن، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن بىللە، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تېررورىزمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ‹‹زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى›› ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ نۇرغۇن ھۆججىتىدە: نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىق ئاسانلا زوراۋانلىق، ئەسەبىزمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زوراۋانلىق، ئەسەبىيلىك تەشكىلاتلىرىنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. نامراتلىق بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھەم تېررورىزمنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار تەتقىقاتتىمۇ: نامراتلىق شەخس ۋە كىشىلەر توپىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇش مۇھىتى، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى، كىشىلىك ئالاقىسى، تەرەققىيات يولى ۋە تاللىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى زوراۋانلىق، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، ھەرىكىتى بىلەن تېخىمۇ ئاسان ئۇچراشتۇرىدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى نامراتلىقنى يەنە ھەمىشە ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىشنىڭ، قوللاش ۋە ھېسداشلىقنى ئالداپ قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سەۋەبى قىلىپ، شۇ ئارقىلىق بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ۋە تەلىم – تەربىيە ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە كىشىلەرنى ئۆزىنى بايلىق بىلەن تەمىنلەشكە قايمۇقتۇرىدۇ ۋە قۇترىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نامراتلىقنى تۈگىتىش ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە تېررورىزمنىڭ كۆپ تەرەپتىن ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشكە پايدىلىق. كەسكىن، مۇرەككەپ تېررورىزم ۋەزىيىتىگە قارىتا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى نامراتلىقنى تۈگىتىش ئارقىلىق ئۆچمەنلىك ۋە زوراۋانلىق جىنايىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، تېررورىزمنى تۈپ مەنبەدىن تۈگىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، مىسلىسىز سالماق بىلەن زور كۆلەمدىكى نامرات ئاھالىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ناھايىتى مۈشكۈل. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى››دە: قىسمەن مىللىي رايونلار ۋە چېگرا رايونلار يەنىلا نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر بولۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇل شارائىت ئاجىز بولۇش، تەرەققىيات ئېغىر ئارقىدا قېلىش، ئاممىۋى مۇلازىمەت يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى قىيىن ئەھۋال ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، دەپ كۆرسىتىلدى. چېگرادىكى بۇ مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، چېگرانىڭ مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە تېررورىزمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ۋە ئالدىنقى سېپى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىپ، مىللىي رايونلار ۋە چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلىغاندا، يامان غەرەزلىك ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ نامراتلىقنى دەستەك قىلىپ، زىددىيەت تۇغدۇرۇپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى ‹‹ھەققانىيلاشتۇرۇش››ىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  باي – نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەك. شەخس، كىشىلەر توپى ھەم رايونلار ئارا باي – نامراتلىق پەرقى، تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى پەرق ئاسانلا تېررورىزم تەرىپىدىن كۆپتۈرۈلىدۇ ۋە پايدىلىنىپ كېتىلىدۇ. بەزى ئالىملار مۇنداق كۆرسەتتى: ئاز ساندىكى كىشىلەر توپى نامرات ياكى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى پايدىسىز ئورۇندا تۇرغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى كۈچىنىڭ بارىچە نارازىلىق كەيپىياتىغا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، نارازىلىقنى كەسكىنلىشىشكە ۋە زوراۋانلىق قىلمىشىغا باشلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، نامرات ئاھالىنى كۆپ جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرگەندە ھەم نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاھالىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغاندا، نامرات رايونلار، بولۇپمۇ مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلارنىڭ باشقا رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىسادىي پەرقىنى ئۈنۈملۈك كىچىكلىتىپ، تەڭپۇڭ، ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھاللىق سەۋىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاز سانلىق مىللەتنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، بىرىنىڭمۇ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا بولمايدۇ، خىزمەت تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇشتا، دەل ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىش، ھەر جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش شەكلى ئارقىلىق نامرات رايونلار ۋە ئاممىنى يۆلەشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، يېقىن كەلگۈسىدە پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرگۈزۈش كېرەك.

  ماددىي ئاساسنى كۈچەيتىپ، مەنىۋى تۇرمۇشنى بېيىتىش كېرەك. مەنىۋى مەدەنىيلىك ماددىي ئاساستىن ئايرىلالمايدۇ، ماددىي ئاساسنى كۈچەيتىش ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدۇ. تېررورىزمنىڭ بەزى نامرات، بېكىنمە رايونلاردا يامرىيالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ بىرى ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى چەكلىك، مەدەنىيەت ساپاسى نىسبەتەن تۆۋەن، دىن، تارىخ ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ئالاقىدار بىلىملەرنى چۈشىنىشى ۋە ئۆگىنىشى يېتەرسىز بولۇپ، مىللىي ئۆرپ – ئادەت، نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى ئۆزئارا پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكىدە. نامراتلىقنى تۈگىتىش ماددىي ئاساسنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەنە نامرات ئاھالىنى تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلىنىش، بىلىم ۋە ئۇچۇر ئىگىلەش يولى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا دىن بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى توغرا تونۇتۇپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ مول، كۆپ خىل مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا قاتنىشىش ئىقتىدارى ۋە پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ماددىي ئاساس بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، مەنىۋى نامراتلىقنى تۈگىتىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

  دۇنياۋى خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللىغان ‹‹2030 – يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى››دا مۇنداق يېزىلدى: بارلىق شەكىلدىكى ۋە ئىپادىلەنگەن نامراتلىق، جۈملىدىن كۆك نامراتلىق، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئېلىۋاتقان زوراۋانلىق، ئەسەبىزم ۋە تېررورىزم ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان دۇنياۋى خىرىس. بۇ خىرىسلا ئالدىدا جۇڭگو قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەيدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، جۇڭگوچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورناتتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز 70 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالىنى ئازايتىپ، خەلقئارا نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈلگىلىك رول ئوينىدى. جۇڭگوچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ھەم ئۇ ئېلىپ كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن يىراق، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن قوشقان پائال تۆھپىسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەقىل – پاراسىتىنى نامايان قىلدى. يەنىلا كەسكىن بولۇۋاتقان ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان پۈتۈن دۇنيا بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە تېررورىزمغا تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق تەجرىبە توپلاپ بەرگۈسى.

  (ئاپتور: بېيجىڭ شەھەرلىك شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى)

  (‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىكى سانىنىڭ 11 – بېتىگە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى