10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چاۋخۇ شەھىرىدىكى «كاڭلې» يەسلىسىدە بالىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دانلىق زىرائەتلەرنى پەرق ئەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چاۋخۇ شەھىرىدىكى «كاڭلې» يەسلىسىدە 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بالىلارغا دانلىق زىرائەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، بالىلار قوناق، دادۇر-پۇرچاق، شال قاتارلىق بەش خىل زىرائەتنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئاشلىق تېجەش، سۆيۈش، قەدىرلەش ئېڭىنى ئۆستۈردى. (ما فېڭچېڭ فوتوسى)
شىنخۇا تورى خەۋىرى. «دادى» يەسلىسىدە 10-ئاينىڭ 15-كۈنى «ئاشلىق قەدىرلەش» تېمىسىدا تەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، بالىلار زىرائەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش، زىرائەتلەرنىڭ قانداق تېرىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئارقىلىق، ئاشلىق سۆيۈش، قەدىرلەش، تېجەش ئېڭىنى تۇرغۇزدى. (دۇڭ خۇي فوتوسى)
شىنخۇا تورى خەۋىرى. «ليۇيى» يەسلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە شال، قوناق، دادۇر-پۇرچاق قاتارلىق زىرائەتلەرنى كۆرۈش، ھېكايە ئاڭلاش، شېئىر يادلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بالىلار ئاشلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى ھەمدە كىچىكىدىن تارتىپ ئاشلىق قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ۋۇ چېنگۇاڭ فوتوسى)