تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك

  ئالتاي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس جاسېنبېك كەكېن

  نۆۋەتتە، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق نىشانى. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ۋەكىللىكىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي زەربە بېرىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداشتەك ئورتاق قەلب ساداسىنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە قەتئىي غەلىبە قىلىشتەك ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش غەرىزىدە، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ۋاسىتە قىلىپ، تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول››، ئۇلار سىياسىي ئېكولوگىيەنى بۇلغاپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى، لۇشيەنى، فاڭجېنى ۋە سىياسىتى توغرىسىدا سەھنىدە چوڭ گەپ قىلىپ، سەھنىدىن چۈشكەندە قارشى مۇقام توۋلاپ، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىپ، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولماي، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولماي، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەندىن يوشۇرىدۇ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر زوراۋان – تېررورچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ قەبىھ، زىيىنى تېخىمۇ رېئال، تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇپ، بالايىئاپىتى تېخىمۇ ئۇزاققىچە بولىدۇ. بىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەلەردىن قايمۇقۇپ قالماي، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىماي، ‹‹گىرۋەك توپ ئۇرغاندەك›› گەپ – سۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇشىمىز، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل گەپ قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇشىمىز، ‹‹ئېغىزىدا چىرايلىق گەپ قىلىپ، ئەمەلىيىتىدە رەزىل ئىش قىلىدىغان›› ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈپ چىقىشىمىز، ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن غايە – ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، سىياسىي قائىدىسى ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. شىنجاڭدا كادىرلارغا باھا بېرىشتە، ئالدى بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىگە قاراش كېرەك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلارغا قويغان تەلىپىگە ئاساسەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى سىنىقى ئالدىدا، باشتىن – ئاخىر ئۆزىمىزنىڭ قەتئىي مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرۇش، يەنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنپەئىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مەيدانى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. بىز ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ ۋە يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، پارتىيەگە مەڭگۈ مۇتلەق سادىق بولۇپ، بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  مەن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى بۇرچۇمنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، كادىرلارنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلارغا پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇش، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ياخشى كادىرلاردىن بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن. ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ ‹‹ئۈچ ئالاھىدە›› سىياسىي ئۆلچىمىنى قەلبلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمەن، بولۇپمۇ ھەر مىللەت كادىرلارغا ئۆزىنىڭ پارتىيەلىك كادىرلىق سالاھىيىتىنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە نىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەك، يۇقىرى بېسىم ئېڭىنى ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئورنىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىدە، باشتىن – ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇش، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇش، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە يېتەكلەيمەن. ھەر مىللەت كادىرلارغا قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتەك مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئاممىغا تايىنىش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش، قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن. بىز قاتتىق جەڭنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، پولات سېپىلنى مۇستەھكەملەپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاكىز قېزىپ، پاكىز تازىلاپ، ئۇلارغا قەتئىي ئارام ئالغۇدەك پۇرسەت بەرمەي، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى