تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، شىزاڭ مىللەتلەر داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

  تەبرىك خېتى

  شىزاڭ مىللەتلەر داشۆسى قۇرۇلغانلىقىغا 60 يىل بولغان پەيتتە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن پۈتۈن مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

   شىزاڭ مىللەتلەر داشۆسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن، شىزاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلار ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. شىزاڭ مىللەتلەر داشۆسىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىزاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.

  سىلەرنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى خەت ئەۋەتىپ، شىزاڭ مىللەتلەر داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

   شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىزاڭ مىللەتلەر داشۆسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن، شىزاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلار ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. شىزاڭ مىللەتلەر داشۆسىنىڭ 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىزاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىلەرنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىزاڭ مىللەتلەر داشۆسى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شيەنياڭغا جايلاشقان، ئىلگىرىكى ئاساسى 1957 – يىلى مەركەزنىڭ يوليورۇقى بىلەن قۇرۇلغان، 1958 – يىلى ئوقۇش باشلىغان ‹‹شىزاڭ ئاممىۋى مەكتىپى›› بولۇپ، شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەتەننىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدە شىزاڭ ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەن تۇنجى ئالىي مەكتەپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.