شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. ئالتۇن كۈز مەنزىرىسىگە ئاپئاق قار قوشۇلۇپ، ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى. ئارىشاڭ ناھىيەسىدە 10-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇنجى قار ياغدى، بۇنىڭ بىلەن ئارىشاڭ ناھىيەسى «چۆچەكلەر دۇنياسى» غا ئايلاندى.
ئارىشاڭ ناھىيەسى بۆگدۆر ئورمان باغچىسى
خۇبېي ئۆلكىسىدىن ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ۋاڭ ئەپەندى بۇ تۇنجى قارنىڭ ھەم قىش سوغۇقىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، ھەم كۈز لەززىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ گۈزەللىكتىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «يۇڭ پوپايكا كىيىۋالغان بولساممۇ، يەنىلا سوغۇق ھېس قىلدىم. لېكىن مەنزىرىلەر بەك گۈزەل ئىكەن، توختىماي سۈرەتكە تارتتىم» دېدى.