شىنخۇا تورى خەۋىرى: جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى ئويۇشمىسىنىڭ يېقىندا تارقاتقان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارى 20 مىليون 491 مىڭغا يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %0.9 ۋە %1.5 ئاشقان، ئالدىنقى سەككىز ئايلىق سۈرئەتتىن 1.9 ۋە 2 پىرسەنت پوئېنت چۈشكەن. ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا چۈشۈپ، ئومۇمىي جەھەتتىكى ئىپادىسى يىل بېشىدىكى مۆلچەردىن تۆۋەن بولغان.
9-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەت ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2 مىليون 356 مىڭ ۋە 2 مىليون 394 مىڭ بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىپ-سېتىش مىقدارى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %17.8 ۋە %13.8 ئاشقان؛ لېكىن ئالدىنقى يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ۋە %11.6 چۈشكەن. شۇ ئايلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارى ئايلانما نىسبەت بويىچە ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك چۈشكەن.
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل جەھەتتە، 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 735 مىڭ ۋە 721 مىڭ بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا %73 ۋە %81.1 ئاشقان.
1-ئايدىن 9-ئايغىچە، جۇڭگودىكى داڭلىق ئاپتوموبىللاردىن 7 مىليون 242 مىڭى سېتىلىپ، ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارىنىڭ %42 ىگە تەڭ بولغان، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت چۈشكەن.