شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 52 ياشلىق جاۋ رۈيفاڭ بىر قانچە دوستلىرى بىلەن 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ئۆسۈملۈك باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇخار گۈلىنى ھەقسىز سوۋغا قىلىش پائالىيىتىگە ئۈلگۈردى، ئۇلار جۇخار گۈلىنى تۇتۇپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
ئۈرۈمچى ئۆسۈملۈك باغچىسىدا 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 22-نۆۋەتلىك جۇخار گۈلى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە كۆرگەزمە ئاخىرلىشاي دەپ قالغان، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان جۇخار گۈللىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە سوۋغا قىلىنىدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى قولىدىكى باغچا بېلىتىنى كۆرسىتىپلا 200 تۈرلۈك 100 مىڭ تەشتەك جۇخار گۈلىدىن تاللاپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتسە بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، جۇخار گۈلى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي باشلىنىدىكەن، باغچا خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇخار گۈلى كۆرگەزمىسى بىرقانچە رايونلارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سوۋغا قىلىنىدىغان گۈللەر ئىچىدە گوللاندىيە، ياپونىيەدىن كىرگۈزۈلگەن سورتلار 200 دىن ئاشىدىكەن.
-ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.