تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

  شى جىنپىڭ مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيە–خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك

  ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا ‹‹ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكىدا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيە – خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىپ – يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارمىيە – خەلقنىڭ يۇغۇرما ساھەلىرىگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى تولۇق قاپلاشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، ئۆزگەرتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىزاھلاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قانۇن – نىزام، ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قانۇن – تۈزۈمنىڭ ۋاقىتچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈزۈم، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن دائىرىسى ئىچىدە مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەستىق تۈرلىرىنى زور كۆلەمدە ئىخچاملاپ، ئىجازەت بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قويۇۋېتىش كېرەك. قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر ئىلمىي بولۇش، تەرتىپ ئورۇنلۇق بولۇش، مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىجازەت بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، پۇل تۆلەش، باج قايتۇرۇش، سالاھىيىتىنى بېكىتىش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قويۇۋېتىش كېرەك. ئامما قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئاشكارىلاش كېرەك. ئادىل مۇھىت يارىتىپ، رىقابەتلىك سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنى تەرتىپلىك ئېچىۋېتىشكە يېتەكلەپ، پۇقرالار ساھەسىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ رىقابەتكە قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قائىدە ئادىل بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، سېلىنما، باج يىغىش، خېرىدار باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى قوغداشنى ئارمىيە – خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا دائىر قانۇن چىقىرىش، تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغداش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش ــــ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا تىرىشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مەۋقەنى ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا قارىتىپ، قۇرۇلۇش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى توپلاپ ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بالدۇرراق بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆلەملىك قوللىنىلىشىنى كېڭەيتىپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقىرىدىغان مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا تېخىمۇ كۆپ قارىتىپ، ئىشلىتىش داۋامىدا ئەۋلاد يېڭىلاپ ئەلالاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك. قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەپ، بىر پۈتۈن ئىقتىدارنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى زورايتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار مۇھىم، زور قۇرۇلۇش، مۇھىم، زور پىلان، مۇھىم، زور تۈرلەرنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، زۆرۈر بولغان ئادەم، مالىيە، ئەشيا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى بىر تۇتاش قوزغىتىپ، ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ۋە رايونلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئارمىيە – خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خىزمەت ئاپپاراتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، فۇنكسىيەسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، خادىملارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ‹‹قاتتىق سۆڭەك غاجىلاش››قا جۈرئەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارمىيە – خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىپ يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسەت بەلگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىشكە جۈرئەت قىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە – خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

      يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەم ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.