10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار چوڭلارغا چاي تۇتماقتا.
خەلق تورى خەۋىرى: بېيجىڭ شەھىرى خۈەيروۋ رايونى ئانا-بالىلار پائالىيەت مەركىزى بىلەن خۈەيروۋ رايونى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى بىرلىكتە «مەدەنىيەتلىك شەھەر رايونى قۇرۇپ چىقىپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلايلى» دېگەن تېمىدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۇڭياڭ بايرىمىدا چوڭلارنى ھۆرمەتلىشى ئاساسي تېما قىلىنغان پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئوقۇغۇچىلار چوڭلارغا «چاي تۇتۇپ، تازىم قىلىپ، چۇڭياڭ پىروجنىسى» سوۋغا قىلدى، چوڭلار ئوقۇغۇچىلارغا مىڭجى تاختىسى بەردى. پائالىيەتتە يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى بولغان «چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا يار-يۆلەك بولۇش» تەك ئىدىيە ئالغا سۈرۈلدى. كۆپچىلىك يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چۇڭياڭ بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.