تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە ھەمكارلىقىدا بېيجىڭ دىنازاۋۇر پۇت ئىزى تاشقاتمىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، گىرېتسىيەنىڭ لېسۋوس دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى تاش يېرىقلارنى تازىلىماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، گىرىتسىيە لېسۋوس دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتى، جۇڭگو گېئولوگىيە باغچىسى (بېيجىڭ) مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتى ۋە بېيجىڭ يەنچىڭ دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ پەرۋىش ئەترىتىدىكىلەر بىرلىكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يەنچىڭ دىنازاۋۇر پۇت ئىزى تاشقاتمىسىنى تەجرىبە خاراكتېرلىك ئاسراش خەلقئارالىق ھەمكارلىقىنى ئېلىپ باردى. بۇ قېتىملىق ھەمكارلىق يەنچىڭ دۇنيا گىئولوگىيە باغچىسىدىكى دىنازاۋۇر پۇت ئىزىنىڭ تاشقاتمىسى بار بولغان تاش قاتلىمىنى قار-يامغۇر ھەمدە شامالنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن قوغداش بولۇپ، دىنازاۋۇر پۇت ئىزى تاشقاتمىسىنىڭ تاشقا ئايلانغان شەكلى ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق نامايان قىلىدىكەن.

  بېيجىڭ يەنچىڭ دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى ئىچىدىكى دىنازاۋۇر پۇت ئىزى تاشقاتمىسى تەخمىنەن 150 مىليون يىل بۇرۇن شەكىللەنگەن بولۇپ، مۇھىم پەن-تېخنىكا ئەھمىيتىگە ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئىكەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لو شياۋگۇاڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى