10-ئاينىڭ 15-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى نەنچاڭ شەھىرى خۇڭگۇتەن يېڭى رايوندىكى مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى زالىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم «كىچىك π» دىن مەسلىھەت سورىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرىدە يېقىندا تۇنجى «مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم» خۇڭگۇتەن يېڭى رايونىدىكى مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى زالىدا رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم «كىچىك π» گە VR ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ ماشىنا ئادەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق دىيالوگ سىستېمىسى ئارقىلىق، تەبىئىي ئاۋاز شەكلى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىگە ياردەم بېرىپ، كەسپىي مەسلىھەت بېرىش، ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ئامما ئالاقىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. (ۋەن شياڭ فوتوسى)