ماتېرىيال سۈرەت
ئامېرىكا ۋىرگىنىيە فېدېراتسىيە داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كۈندىلىك تازىلىقىنى ياخشى قىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا چىش ئەتراپى ياللۇغىنى داۋالىغاندا جىگەر قېتىشىش بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.
جىگەر ياللۇغى، ئىسپىرتلىق جىگەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىگەر قېتىش كىلىنىكىدا دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك، بۇ خىل كېسەللىك بىمارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى زەھەرنى كۆپەيتىپ، بەدەندىكى ياللۇغنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، جىگەر مەنبەلىك مېڭە كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئاسانلا ئاڭ قالايمىقانچىلىقى، كەيپىيات ئۆزگىرىشچانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەتقىقاتچىلار ھەم جىگەر قېتىش، ھەم يېنىك دەرىجىدە چىش ئەتراپى ياللۇغى بار بىمارلار ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغان. سىناققا قاتناشقان بىمارلار ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان، بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ئېنىق كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان چىش ئەتراپى ياللۇغى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلمىغانلار، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر چىش ئەتراپى ياللۇغىنى ئىزچىل داۋالىتىۋاتقانلار ئىكەن. تەتقىقات باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ۋە ئاخىرلىشىشتىن كېيىنكى 30 كۈندە تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقان بىمارلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقى، شۆلگىيى ۋە چوڭ تەرىتىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەن، بىمارلار بىلىش ئىقتىدارى سىنىقىنى قوبۇل قىلغان. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، چىش كېسەللىكىنى داۋالاتمىغان بىمارلارنى چىش كېسەللىكىنى داۋالاتقان بىمارلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كېيىنكىلەرنىڭ ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەر سانى ئاشقان، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ياللۇغ ۋە قاندىكى زەھەر ئازايغان، بىلىش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
تەتقىقاتچىلار: بەدەندىكى ياللۇغنى يوقىتىشنىڭ جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ مېڭە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى يېنىكلىتىشكە ناھايىتى چوڭ ياردىمى بار، بۇ بىمارلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى ھەمدە جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش بىمارلىرىغا دائىملىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىش بىلەن تەڭ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنى يوقىتىپ، چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا داۋالاش تەكلىپىنى بەردى.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى