تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

لى پېڭشىن قەشقەر ۋىلايىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  لى پېڭشىن قەشقەر ۋىلايىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

  ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىستىلىنى چېنىقتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ماھارىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىستىلىنى يەنىمۇ چېنىقتۇرۇپ، نىشان – ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش، جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسى، جامباز يېزىسى ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ياندۇما يېزىسى، باغچى يېزىسىغا بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر بازىسى، كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى، ھەمراھ زاۋۇت، يېزا – كەنت يەسلىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، 1 – شۇجىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قەشقەر ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان – ۋەزىپىلىرىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشتا بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ‹‹كىمنى يۆلەش››، ‹‹كىم يۆلەش››، ‹‹قانداق يۆلەش››، ‹‹قانداق چېكىندۈرۈش›› مەسىلىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىش بىلەن بىللە، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئىستىھكامنى ئىگىلەپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش كېرەك. ‹‹كىمنى يۆلەش››تە، تېگى – تەكتى ئېنىق بولۇش، ئەھۋال ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي نام تۈزۈمى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملىق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ كەنتكىچە، ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ‹‹كىم يۆلەش››تە، ‹‹بەش دەرىجە›› مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام كۈچەيتىپ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ باش قوماندانلىق ئىشتابىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى قەرەللىك مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى ‹‹زېرەك ئادەم››گە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ‹‹قانداق يۆلەش››تە، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش››نى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹قانداق چېكىندۈرۈش››تە، دىققەتنى نامرات ئاھالىنىڭ ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يۆلەش خىزمەتلىرىنى پۇختا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى يۇقىرى قويماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ سىياسەتنى توختاتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى كەڭ قوزغىتىش كېرەك.

  لى پېڭشىن قەشقەر ۋىلايەتلىك يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسى ۋە ھەرقايسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان نۇقتىلاردا، نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇچۇر سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسەت تەلىپى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات توپلاش، تۈرگە ئايرىش، سېلىشتۇرۇش ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئارقىلىق، ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم››، ‹‹ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش›› كونكرېت تەدبىرلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ‹‹توققۇزدا ئېنىق بولۇش››، ھەقىقىي نام تۈزۈمى تەلىپىنى نامايان قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت كۈچى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشى ھەم جانلىق تەڭشەش، دومىلىما چېكىنىپ چىقىشنى بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى