تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يولداش شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا›› ناملىق كىتابى مەركىزىي ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

  بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىدا، 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 3 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان ‹‹دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئاساسىنى پۇختىلاش›› مۇقەددىمە قىلىنغان، 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان ‹‹يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش›› خاتىمە قىلىنغان، ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش بايان قىلىنغان مۇھىم ئەسىرىدىن 85 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 320 مىڭ خەت.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى توغرا ئىگىلەپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ‹‹قانداق بىر دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش›› قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور تېما ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش يولى قاتارلىق چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، سىجىل گۈللىنىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا كۈچ چىقىرىشتەك يۈكسەك نىشانىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتى بىلەن دۇنيا تەرەققىياتىنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرىدىغان دۇنياۋى نەزەر دائىرىسى، دۇنياۋى كەڭ قورساقلىقى ۋە چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

  ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش ــــ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاش، باشتىن – ئاخىر تىنچ تەرەققىيات يولىدا ئېغىشماي مېڭىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، توغرا بولغان ھەققانىيەت، مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، پۈتۈن دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.