تۇڭجياڭ جۇڭگو-رۇسىيە تۆمۈريول كۆۋرۈكىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بۆلىكى
خەلق تورى خەۋىرى: جۇڭگو-رۇسىيە تۇڭجياڭ - (Нижнеленинское) تۆمۈريول كۆۋرۈكىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى بولغان خېيلۇڭجياڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىدە جۇڭگو تەرەپ قۇرۇلۇشىغا تەۋە ئاخىرقى ئاسما پولات لىمى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ تۇڭجياڭ جۇڭگو-رۇسىيە تۆمۈريول چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بۆلىكى ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈنلەي تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، تۇڭجياڭ جۇڭگو-رۇسىيە تۆمۈريول چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇل سېلىنغان بولۇپ، جۇڭگو-رۇسىيەدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول چوڭ كۆۋرۈكى ھېسابلىنىدىكەن، بۇ تۆمۈريولنىڭ يىللىق مال ئۆتۈشۈش مىقدارى 21 مىليون توننىغا يېتىدىكەن. كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7193.71 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە دەريا ھالقىغان ئاساسىي كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2215.05 مېتىر، جۇڭگو تەرەپ چېگرىسى بۆلىكى 1886.45 مېتىر، رۇسىيە تەرەپ چېگرىسى بۆلىكى 328.57 مېتىر كېلىدىكەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جىياۋ فوتوسى)