شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. ئەگەردە سىز دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىغا بېرىپ جۇخار گۈلى كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن بولسىڭىز، بارچە گۈللەرنىڭ بەس-بەستە ئېچىلغان مەنزىرىسى چوقۇم ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن. باغچا ئايلانغاندا چىرايلىق جۇخار گۈللىرىنى ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كېتىشنى ئويلىغان بولسىڭىز، ئارزۇيىڭىز ئەمدى رېئاللىققا ئايلىنىدىغان بولدى. 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ شەھەر ئاھالىلىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتى ئارقىلىق جۇخار گۈلىگە ھەقسىز ئېرىشەلەيدۇ، ئومۇمىي مىقدارى 200 خىلدىن ئارتۇق 100 مىڭ تەشتەككە يېتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى جۇخار گۈللىرى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى لى جىنباۋ مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بۇ قېتىملىق جۇخار گۈلى كۆرگەزمىسىدىكى جۇخار گۈللىرىدىن ئائىلىدە بېقىشقا ماس كېلىدىغان 100 مىڭ تەشتەك جۇخار گۈلنى تاللاپ شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز سوۋغا قىلىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى ھەر كۈنى سائەت 10:30 دىن 14:00 كىچە، 15:30 دىن 19:00 غىچە شۇ كۈنىدىكى كىرىش بېلىتى ئارقىلىق جۇخار گۈلىگە ئېرىشەلەيدۇ. تاكى 100 مىڭ تەشتەك تۈگىگىچە داۋاملىشىدۇ.