تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«ئاياللار كىنو قويۇش ئەترىتى» يېزا كېچىسىنى يورۇتتى

  نەنفىڭ ناھىيەسى بەيشې بازىرى خەنتۇ كەنتىدە، كىنو قويۇش خادىمى جاڭ شياۋچىڭ (ئوڭ) بىلەن جياڭ جىيەن (سول) سىفىرلىق كىنو قويۇش ئۈسكۈنىسىنى توشۇماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنفىڭ ناھىيەسىدە «ئاياللار كىنو قويۇش ئەترىتى» قۇرۇلغان ئىدى. بىر كىنو قويۇش ئۈسكۈنىسى، بىر دانە ئېكران، بىر مەيدان كۈلكە ...... ئۇلار نادىر كىنولارنى يۇرتداشلارغا يەتكۈزۈپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 170 دىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتلەردە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. «ئۇ چاغدا، قايسى كەنتتە كەچلىك كىنو قويۇلىدىغاننى ئاڭلىسا، يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى ئورۇندۇقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بالدۇرلا بېرىپ ئولتۇرۇپ بولاتتى، ھەممەيلەن خۇددى چاغان كەلگەندەكلا خۇشاللىققا چۆمەتتى». 23 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە كىنو قويۇش خادىمى جاڭ شياۋچىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. ھۆكۈمەتنىڭ «كىنولارنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» سېلىنمىسىغا ئاساسەن، كىنو قويۇش ئەترىتى كىنو قويۇش ئۈسكۈنلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەسلىدىكى 16 مىللىمېتىرلىق پىليونكا ماشىنىسىنى ھازىرقى سىفىرلىق كىنو قويۇش ئۈسكۈنىسىگە ئالماشتۇردى، بۇ ئۈسكۈنىدە دېسكا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق بولۇپلا قالماستىن، كىنونىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. كىنو قويۇش جەريانىدا، كىنو قويۇش ئەترىتى ھەر ۋاقىت قاتناش بىخەتەرلىكى، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىك ۋە ھاشارەت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە فىلىملىرىنى قويۇپ، ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى