10-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەركىزىي بالېت ئۇسسۇلى ئۆمىكىنىڭ ئارتېسلىرى «ئاققۇ كۆلى» نومۇرىنى ئوينىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: «2018-يىللىق نازۇك سەنئەتنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش __ مەركىزىي بالېت ئۇسسۇل ئۆمىكى نەنخۇا داشۆسىدە» پائالىيتى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭياڭ شەھىرىدىكى نەنخۇا داشۆسىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئارتېسلار ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا بالېت ئۇسسۇلىنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى تونۇشتۇرۇپ، بالېت ئۇسسۇلىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىلاسسىك بالېت ئۇسسۇل ئەسەرلىرىدىن ئارىيە ئورۇنداپ بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ساۋ جېڭپىڭ فوتوسى)