تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قاتتىق زەربە بېرىمەن

 جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى يارمەمەت مامۇت


    مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆستۈم، كىچىكىمدىن تارتىپ چوڭ بولغۇچە، مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆپ يىل كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشىدە، مەن قەدەممۇقەدەم شەرەپلىك ۋە مۈشكۈل بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان پارتىيەلىك كادىر بولۇپ يېتىشتىم، پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى.
    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، كۆڭۈل بۆلۈشى ھەم تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن كەلگەن، ھەر مىللەت ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللارنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشىدىن كەلگەن. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، ھەر مىللەت ئامما چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تىزگىنلىشىدە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، ئۇلارنىڭ جىنايىتى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۇلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، خەلققە يۈز كېلەلمەيدىغان شەرمەندە قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان زوراۋان-تېررورچىلاردىنمۇ ھىيلىگەر، زەھەرخەندە، ئۇلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ رېئال، تېخىمۇ ئېغىر، بالايىئاپىتى تېخىمۇ ئۇزاققا سوزۇلىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز چوقۇم كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىمىز، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالىشىمىز، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز، ھەرگىز ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكىمىز، ئۇلارنى قەتئىي تارتىپ چىقىرىپ، پاكىز يوقىتىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلمىساق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ؛ مۇشۇنداق قىلمىساق، شىنجاڭدا مەڭگۈ ئەمىنلىك بولمايدۇ.
    بۇ يەردە مەن تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، غايە – ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى