تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئۈزۈل–كېسىل يوقىتىمەن

 كېرىيە ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېزىز ئابلا


    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چېگرا رايوندىكى خەلققە رىشتە باغلاپ، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىغا مۇھەببەت باغلىدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئۇنى قوللىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئالدىدا ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن، چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى زىممەمگە ئالىمەن. شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلايمەن، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، باتۇرلۇق بىلەن يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ، شەمشەرنى سۇغۇرۇپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش نىشاننى قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىمەن.
    سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن. مەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى باشتىن – ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باشتىن – ئاخىر پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىتتىپاقلىقنى قوغدايمەن. غايە – ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا، سىياسىي قائىدىسىگە ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، باشتىن-ئاخىر سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، ئىنتىزامنى شەرتسىز ئىجرا قىلىمەن، قائىدىگە رىئايە قىلىشتا بىپەرۋالىق قىلمايمەن، تۆۋەن چەكنى ساقلايمەن، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتمەيمەن، ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك ئادەم، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولىمەن.
    ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمەن. بىز چوقۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، كۆرۈپ يېتىپ ۋە پاش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي ھالدا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان سادىق قەلبىمىز ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بىز قەتئىيلىك بىلەن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تېخىمۇ ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىي، ساغلام بولغان يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە پائال يېتەكلىشىمىز كېرەك.
    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەش  مىللەتلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغان ئىناقلىقىدىن، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئىتتىپاقلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىرلىك سەپ، مىللەت ۋە دىن خىزمىتىگە مەسئۇل پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن. ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختىلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى داۋاملىق پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە سادىقلىق بىلەن باش نىشاننىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى