تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

5-نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

     شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لياڭ لىخۇا، ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، 7 – نۆۋەتلىك جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى (شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى) ۋە 5 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
    مۇخبىرلارنىڭ ئۇقۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە جەمئىي 515 كارخانا تىزىملىتىپ قاتناشقان، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە رايون مۇسابىقىسى، كەسىپ مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئون كارخانا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. ئون كارخانا ئىچىدە، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار گۇرۇپپىسىدا تۆت، يېتىلىۋاتقان كارخانىلار گۇرۇپپىسىدا ئالتە كارخانا بولۇپ، تۈرلەر بىيودورىگەرلىك، ئىلغار ياسىمىچىلىق، ئالاقە تورى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە ھەم ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت ئالتە چوڭ كەسىپنى قاپلىغان. كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلار گۇرۇپپىسى بويىچە بىر كارخانا 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۈچ كارخانا 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، يېتىلىۋاتقان كارخانىلار گۇرۇپپىسى بويىچە بىر كارخانا 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بەش كارخانا 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مۇسابىقە جىددىي، قىزغىن كەيپىياتتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقان.
    ‹‹بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يېتىلىۋاتقان كارخانىلار گۇرۇپپىسى بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلدۇق››. خېڭشېڭ مېدىتسىنا پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى ۋاڭ خۇي مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ، شىركىتىمىزنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش تۈرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكى بولۇپ، مەھسۇلاتىمىزنىڭ بازار ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يەنە بىزنى مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى بىلەن قوش يۆنىلىشلىك تاللاش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى››.
    ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر رەيھان يۈسۈپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى 2014 – يىلى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پەن – تېخنىكا، پۇل مۇئامىلىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ئېچىۋېتىش، جۈرئەت قىلىش، كېڭەيتىش، يېتىشىۋېلىپ ئۆتۈپ كېتىشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قەھرىمانلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سېيىت ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى ھەم 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كارخانىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى