تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەنتتە زاۋۇت قۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر

    خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسى قاتچى كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان نامرات كەنت، پۈتۈن كەنتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2039، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.5 مو، يەرگە تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى چەكلىك. كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتە، تىل بىلمەسلىك، بالىلىرىغا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە كۆلەمنى كېڭەيتىش تەس ئىدى.
    ئەمما يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، قاتچى كەنتى ئارقا-ئارقىدىن بۇ كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن 100گە يېقىن ئىش ئورنى ھەل قىلىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق كىرىمنىڭ 1800 يۈەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئاياللارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى %70كە يەتتى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىدە 150 مىڭ يۈەن كىرىم بولدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر كەنتتە بىر قانچە زاۋۇت قۇرۇلۇپ، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت پىلانلاش ئارقىلىق 1300 كىۋادرات مېتىر يەرنى ئاجرىتىپ، بۇ زاۋۇتلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى.
    بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرى مياۋ فېي قاتچى كەنتىگە كېلىپ، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى بولدى.
    ئۇ بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 196 نامرات ئائىلىنى زىيارەت قىلدى. كەنتتىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ئۇ ئامال تاپتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، دېھقانلارنىڭ ئەمىن ئۆي سېلىشىغا ياردەم بەردى، ھەر بىر كەنتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بولغان ئېھتىياجى زور دەرىجىدە ئاشتى، كەنتتە بەزى تامچى، ياغاچچىلار بولسىمۇ، كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى، قۇرۇلۇش سۈپىتىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتتى. نېمىشقا نامرات ئائىلىلەرنى تەشكىللەپ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇپ، ئىشنى ئۆز كەنتىمىزدىن باشلىمايمىز؟
    بىر قاتار تىرىشچانلىقلاردىن كېيىن، بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئەترەت باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كەنت بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇلدى. ئارقىدىنلا، مياۋ فېي باشقۇرۇش تۈزۈمى، مۇكاپاتلاش – جازالاش تەدبىرى قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە ياردەم بەردى. كەنت ئاھالىسى ئارزىگۈل ئابدۇراخمان ئېرى بىلەن بىللە قۇرۇلۇش ئەترىتىگە كېلىپ، كەنتتىكى تۇنجى ئايال قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولدى. بىر تال تاش سۇ يۈزىدە قاتمۇقات سۇ چەمبىرىكى ھاسىل قىلغاندەك، كەنتتىكىلەر ئاياللارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئىچكىرى ئۆلكىدە ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن ئابدۇرېھىم تۇرسۇنتوختى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ قاتچى ئۆزگىرىپتۇ، ئۈمىد تۇغۇلۇپتۇ!
    مياۋ فېي بۇنىڭدىن قانائەتلىنىپ قالمىدى، ئۇ باش قاتۇرۇپ ئويلىدى، ئەمىن ئۆي قۇرۇشقا لازىملىق پىلاستىك پولاتلىق دېرىزىنى ئىلگىرى كەنتتىكىلەر يېزىدىن سېتىۋالاتتى، باھاسى قىممەت ھەم سۈپەت جەھەتتىكى پەرقمۇ تەكشى ئەمەس ئىدى. توردىن ئىزدەش، دوستلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇ كەنتتە بىر پىلاستىك پولاتلىق دېرىزە زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ئون خىزمەتچىدىن تەشكىللەنگەن پىلاستىك پولاتلىق دېرىزە پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلدى ھەم 1 – تۈركۈمدىكى مەھسۇلاتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشلەپچىقاردى.
    پىلاستىك پولاتلىق دېرىزە زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ئىشەنچلىك، باھاسى ئەتراپتىكى بازارلاردىن تۆۋەن بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا كەنتتىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كۈندىلىك سېتىلىش سوممىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىشتەك رېكورت يارىتىلدى.
    بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئەترىتى، پىلاستىك پولاتلىق دېرىزە زاۋۇتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن مياۋ فېينىڭ ئىشەنچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، كەنتتىكىلەرنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش غەيرىتى تېخىمۇ ئۇرغۇدى. كەنتتىكىلەرنىڭ ھويلا – ئارانلارنى ئۆزگەرتىشتە رەڭلىك خىش ياتقۇزۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن مياۋ فېي يەنە سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتتى. ئۇ خوتەندىكى بىر رەڭلىك خىش زاۋۇتىغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، رەڭلىك خىش ئىشلەپچىقىرىدىغان تۆت خىل خام ئەشيانىڭ قاتچىدا بارلىقىنى بايقىدى. مياۋ فېي كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ ھەر تەرەپتىن ئۇقۇشتى ھەم خوتەن شەھىرىدىن رەڭلىك خىش ئىشلەپچىقىرىدىغان پېشقەدەم ئۇستامدىن بىرنى تەكلىپ قىلدى. ناھايىتى تېزلا، كەنتتىكى 16 نامرات كىشى رەڭلىك خىش زاۋۇتىغا ئوڭۇشلۇق ‹‹خىزمەتكە كىردى››.
    ئۈچ كۈندە، 1 – تۈركۈمدىكى رەڭلىك خىش ئىشلەپچىقىرىش تاماملاندى. ‹‹دېھقانلارنىڭمۇ بۇنى ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمىز!›› بىر يېرىم ئايدا، رەڭلىك خىش زاۋۇتى بارلىق تەننەرخنى قايتۇرۇۋالدى، ‹‹قاتچى سۈرئىتى›› كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىنى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتتى.
    ‹‹ئەمىن ئۆي سېلىندى، پىلاستىك پولاتلىق دېرىزىلەر ئورنىتىلدى، ھويلا – ئارانلارغا رەڭلىك خىش ياتقۇزۇلدى، لېكىن ئۆي ئىچى قۇرۇق ئىدى››. مياۋ فېي بۇنى ئويلاپ، يەنە كەنت كادىرلىرىغا ياغاچ جابدۇقلارنى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىنلا، ياغاچ جابدۇقلارنى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇلدى ھەم تېزلا ئىزىغا چۈشۈپ، زاكاز ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان بولدى.
    كەنتتە قۇرۇلغان كىچىك زاۋۇتلارنىڭ سودىسىنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن مياۋ فېي خۇشال ھالدا: بىز كۆپرەك چارە – تەدبىر ئويلاپ، ئىختىساسلىقلارنى تېپىپ، بازار ئارىلاپ، نامرات ئائىلىلەرنى تېزدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەك، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى