تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھېكايىسىنى كىم يېزىپ چىقتى؟

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

    ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پېنسې ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى توغرىسىدىكى نۇتقىنى سۆزلەشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى، ستاربۇكس شىركىتى بىلەن ئالى بابا گۇرۇھى بىر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى، ئۇ، ئالى بابا بايرىقى ئاستىدىكى سۇپا ۋە يەتكۈزۈپ بېرىش سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە، جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك سىرتقا يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: سودا جېڭى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى، ‹‹بۇ، جۇڭگو ئىچكى بازىرىنىڭ كۈچىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى››.
    جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياردىمىدە، جۇڭگودا 20 يىلغا يېقىن بازار ئاچقان ستاربۇكس يۈكسەك ئىرادە بىلەن سودا جەھەتتىكى يېڭى ئىزدىنىشىنى باشلىغانىدى. ئەڭ يېڭى ئېشىش پىلانىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ 2022-مالىيە يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىنى 2017-مالىيە يىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇشنى كۆزلىگەنىدى.
    ئەپسۇسلىنارلىقى، گەرچە جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ‹‹ستاربۇكس ھېكايىسى›› ھەرقانچە قالتىس ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئۇ ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ خاتىرىسىدىن تەدرىجىي ئۆچۈپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بىر خىل زارلىنىش ھەم مەنمەنلىك ئىگىلىدى. ئامېرىكا رەھبىرىنىڭ نۇتقى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. ئۇ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ‹‹ئامېرىكا مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن››لىك ‹‹زىيان تارتىش سەپسەتىسى›› كونا مۇقامىنى تەكرارلىدى ھەم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋراڭ سېلىۋاتقان ‹‹بىز جۇڭگونى قايتا قۇرۇپ چىقتۇق›› دېگەن ‹‹ئامېرىكا ئىلتىپاتى سەپسەتىسى››گە يەنە ئەگەشتى.
    بۇنداق سەپسەتىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل كۆز-كۆز قىلىۋاتقان ‹‹ئامېرىكا ئالدىدا تۇرۇش››، شۇنىڭدەك ئامېرىكا رەھبىرىنىڭ نۇتقىدا تەكرار تەكىتلەنگەن ئامېرىكىنىڭ ‹‹رەھبەرلىك رولى›› بىلەن تومۇرداش بولۇپ، كىشىنى ئەجەبلەندۈرمەيدۇ. بىراق، ‹‹ئامېرىكا ئالدىدا تۇرۇش››، ‹‹ئامېرىكا غوجا ئاكا›› جاھىل ئىدىيەسى بەك كۈچىيىپ كەتسە، ئۇ ئۆزىنى قالتىس چاغلاش، جاھانغا پاتماي قېلىشقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ھەتتا ‹‹ناچارلىرىنىڭ ھەممىسىنى سەن كەلتۈرۈپ چىقارغان، ياخشىلىرىنى مەن ئېلىپ كەلگەن›› دەيدىغان ئىدىيە ئەسەبىيلىكىگە يۈزلىنىدۇ.
    مەسىلەن، ئامېرىكا رەھبىرى پەقەت ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بازارنى ئېچىۋەتكەنلىكى ھەم ‹‹جۇڭگونى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا باشلاپ كىرگەن››لىكىنىلا بايان قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن جۇڭگونىڭمۇ ئامېرىكىغا تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە، تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە بازارنى ئېچىۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان مال ئېكسپورتى 2001-يىلىدىكىدىن %577 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا بولغان %112لىك ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن خېلى زور دەرىجىدە يۇقىرى بولغان. ئەمما ئۇ بۇنداق سانلىق مەلۇماتلاردىن تاللاش خاراكتېرىدە ئۆزىنى قاچۇردى.
    مەسىلەن، ئامېرىكا رەھبىرى جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ‹‹خېلى زور دەرىجىدە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان››لىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭمۇ جۇڭگو بازىرىدا خېلى زور پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىدى. ئامېرىكا تۇڭيۇڭ ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى مەھسۇلات مىقدارى ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %40ىنى ئىگىلىدى، ئامېرىكا كۇئالكوم شىركىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىدا ئۆزەك پىلاستىنكىسى سېتىشتىن ۋە پاتېنت ئىجازىتى ھەققىدىن ئېرىشكەن كىرىمى ئۇنىڭ ئومۇمىي تىجارەت كىرىمىنىڭ %57ىنى ئىگىلىدى، گولدمان ساكس، ئېكسپرېس، ئامېرىكا بانكىسى قاتارلىق ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى جۇڭگو پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن خېلى زور مەبلەغ سېلىش پايدىسىغا ئېرىشتى. بىراق ئۇ مۇشۇنداق پاكىتلاردىنمۇ تاللاش خاراكتېرىدە ئۆزىنى قاچۇردى.
    يىلىغا ئوتتۇرىچە %9تىن يۇقىرى بولغان GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، 700 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئەڭ چوڭ سودا دۆلىتى، دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان تاشقى پېرېۋوت زاپىسى چوڭ دۆلىتى... ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، جۇڭگو ‹‹ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا كىشى قەلبىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان مۆجىزە›› دەپ تەرىپلىنىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سەۋەبى ئۈستىدە ئۇزاققىچە ئىزدىنىشىنى قوزغىدى. ‹‹ئامېرىكا ئىلتىپاتى سەپسەتىسى›› توغرىسىدا ھە دەپ سۆزلەۋاتقان ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئەلۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادىل باھالىرىنى ئاڭلاپ بېقىشى كېرەك.
    شۇنداق تەكلىپ بېرىمىزكى، ئامېرىكا رەھبىرى ئالاقىدار تاراتقۇلاردا تىلغا ئېلىنغان جۇڭگو تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا ئىگىلىك تىكلىگەنلىك ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ بېقىشى، گېرمانىيە پىروفېسسورى ئولې درىن تىلغا ئالغان جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ‹‹چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش گۈزەل ئەخلاقى››غا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشى، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى مۇلتىجوي مۇخانتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ‹‹مۇھىت ئۆزگىرىشىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ماسلىشىپ، مۇۋاپىق ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى›› دېگەن باھاسىنى، ۋال سترېتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ستېۋېن راتنېرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتقان ‹‹ئارىلاشما تۈزۈلمە››گە بولغان دىققىتىنى، شۇنىڭدەك سىنگاپور ‹‹ئەتىگەنلىك بىرلەشمە خەۋەرلەر گېزىتى››نىڭ سىياسىي تۈزۈم جۇڭگو مۇۋەپپەقىيىتىدە ‹‹ئەڭ مۇھىم رول›› ئوينىدى، دېگەن قارىشىنى چۈشىنىپ بېقىشى كېرەك.
    ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى تۈپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۆزىگە تايىنىشتىن كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو خەلقىنىڭ تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشىغا تايىنىش بەدىلىگە كەلگەن، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ خەير-ساخاۋىتى ۋە ئىلتىپاتىدىن كەلگەن ئەمەس؛ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو خەلقى ئۆزى تاللىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا تايىنىشتىن كەلگەن، ھەرگىزمۇ بەزى ئامېرىكا رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي سەرخىللار ئىنتىلگەن ‹‹ئەركىن جۇڭگو›› يولىدىن كەلگەن ئەمەس.
    ئەلۋەتتە، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئەمما، بۇ ھەرگىزمۇ جۇڭگو ئېكسپورتىنىڭ پەقەت ئامېرىكا بازىرىغىلا يۈزلەنگەنلىكىدىن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ پەقەت ئامېرىكىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغىلا تايانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىش، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئۆگىنىش ۋە ئىنسانلار مەدەنىيلىكىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىش جەھەتتىكى ئېچىۋېتىشتۇر.
    رېئاللىققا نەزەر سالغىنىمىزدا شۇنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىمىزكى: جۇڭگونىڭ سودا ھەمراھلىرى 230 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كېڭەيگەن، جۇڭگو 120 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %85ىنى ئىگىلىگەن جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەرگە قاراتقان خەلقئارا سودىسى ئوخشاشلا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە.
    جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىغا قارىتا كىمنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار؟ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئاساسلىق ياراتقۇچىلار كىملەر؟ جاۋاب پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو خەلقى.
    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى