تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەھەر گۈزەل، خەلق باي بولۇشنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىش

ئاقسۇ كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى خاتىرىسى (3)
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ خەيفېڭ، ليۇ دۇڭلەي، سۈي يۈنيەن

ئاقسۇ شەھىرى زور كۈچ بىلەن چىلان، ياڭاق، ئالما قاتارلىق خاس باغ – ئورمان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ يىل باغ – ئورمان كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا يەتتى. سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، باغۋەنلەر ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزىسى دولان قىزىل مېۋە مەھسۇلاتلىرى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بېغىدا ئالما ئۈزمەكتە. شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

    ئالتۇن كۈز، دەل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقتى!
    ئاقسۇنىڭ چەكسىز ئورمان دېڭىزىدا، قىپقىزىل ئالمىلار بەختكە چۆمۈلگەن خۇش چىرايلارنى قىزارتتى؛ سۇلىرى سۈزۈك، قىرلىرى يېشىل، بېلىقلار بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرگەن ئېكولوگىيەلىك مەنزىرە رايونىغا ھەر تەرەپتىن ساياھەتچىلەر ئارقا – ئارقىدىن كېلىشتى؛ ئىلگىرىكى قاغجىراپ كەتكەن چۆل – جەزىرىدە، ھازىر رەت – رەت يېڭى كەنتلەر قۇرۇلدى، قىزىل خىشلىق، ئاق كاھىشلىق دېھقان ھويلىلىرىدا خۇشال كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى.
    بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۆچەت تىكىشتىن، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلارنى باشقۇرۇشقىچە؛ ھۆكۈمەت بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشتىن ‹‹ئورمان بىلەن ئورماننى بېقىش›› ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكىچە؛ يەككە ھالدا كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىشتىن ئومۇميۈزلۈك ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشكىچە، كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل كەسىپنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. 32 يىل مابەينىدە، ئاقسۇلۇقلار كۆكيار قۇرۇلۇشىنى باشلىنىش قىلىپ، چۆل – جەزىرىنى سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل ئالتۇن تاغ، كۈمۈش تاغقا ئۆزگەرتتى.
    قەدىمىي چۆللۈك گۈزەل باغقا ئايلاندى
    9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى، ئاقسۇ خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 260 مىڭ مولۇق بېغىدا، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ئالمىلار شېخىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى، ئالمىنىڭ خۇش پۇرىقى ۋە مول ھوسۇل شادلىقى پۈتكۈل باغنى قاپلىغانىدى. خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ پېنسىيەگە چىققان 64 ياشلىق كادىرى شيۇڭ فاڭيۈەن كۈلۈپ تۇرۇپ: ئالما دەرىخى بىزنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخىمىز. كۆكيار قۇرۇلۇشى بولمىسا، نەدىمۇ بۈگۈنكى ياخشى كۈنلىرىمىز بولسۇن، دېدى. شيۇڭ فاڭيۈەن 16 مو بېغىدىن 200 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، يەنە ئاقسۇ شەھىرىدىن بىنا ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋالدى.
    ئىلگىرىكى چۆللۈك قانداق قىلىپ پۇقرالارنىڭ ‹‹يېشىل بانكىسى››غا ئايلاندى؟ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى فەن جياڭمىڭ مۇنداق دېدى: 1986 – يىلىدىن باشلانغان كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا، خۇڭچىپو ئاساسىي جەڭگاھ بولدى. 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشتىكى ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇم – بوراننى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ، بىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىقتىسادىي ئورمان تىكىش شارائىتىغا ئىگە قىلدى. ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي ئورماننىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.
    ئىقتىسادىي ئورمان بىلەن ئېكولوگىيە ئورمىنىنىڭ گىرەلىشىپ جايلىشىشى، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى. كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 153 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي ئورمان %60تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەلگە داڭلىق خۇڭچىپو ئالمىسىنىڭ كەسىپلىشىشى ۋە كۆلەملىشىشى مۇشۇ يەردىن باشلانغان.
    2006 – يىلى خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىغا كەلگەن فەن جياڭمىڭنىڭ كۆڭلىدە خاس باغۋەنچىلىكنى زورايتىش ئويى بىخ سۈردى. ھازىر خۇڭچىپو شىرنىلىك ئالمىسى پۈتۈن مەملىكەتتە سېتىلىپ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈلدى. فەن جياڭمىڭ مۇنداق دېدى: خۇڭچىپودا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق، يەرلەر تىيانشان تېغى تۆمۈر چوققىسىدىكى قار – مۇز سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. ئېكولوگىيە مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى بۇ جاينى يېشىل باغ – ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى جايغا ئايلاندۇردى.
    كۆكيار قۇرۇلۇشى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا بۇ جاينى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق ‹‹مېۋە سېۋىتى››گە ئايلاندۇردى. كىشىلەر سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ھەم ئېكولوگىيەلىك بايلىق، ھەم ئىقتىسادىي بايلىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.
    كۆكيار قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق سىياسەت پىشىڭى ئىجتىمائىي كاپىتالنى مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، چۆللۈكنى كۆكەرتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسىنى ياراتتى. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ‹‹قار-مۇز مىسۈي باغچىسى›› ئالما ئۆستۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، مۇخبىر ۋاڭ شياۋپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 46 ياشلىق بۇ پۇقراۋى كارخانىچى ھەربىيدىن قايتقان ۋە كەسىپ ئالماشتۇرغان بولۇپ، قارىماققا ئاددىي – ساددا دېھقانغا ئوخشايدۇ. 2012 – يىلى يازدا، ۋاڭ شياۋپىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئونسۇ ناھىيەسىگە ئوينىغىلى كەلگەنىدى، چۆللۈكتىكى 100 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە باغچىسى ئۇنىڭ باغۋەنچىلىك ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى.
    ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا، ۋاڭ شياۋپىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە كېلىپ، 6300 مو بوز يەرنى ھۆددە ئېلىپ، ئاقسۇ قار-مۇز مىسۈي باغچىسى باغۋەنچىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. 50 يىل مۆھلەتتىكى توختام ۋە نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋاڭ شياۋپىڭنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، دادىل ئىشلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. تۇنجى يىلى، يەرلەرنى تۈزلەشكە 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى، ئارقىدىن 2 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ تەجرىبىخانا قۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ئالما ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، تۇپراقنى تۈجۈپىلەپ ئوغۇتلىدى؛ يەنە بازىرى ئىتتىك ئامېرىكا ‹‹مىسۈي›› ئالما سورتىنى كىرگۈزۈپ، ‹‹خۇڭشۆسۈي›› ئالما ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى. نۆۋەتتە 800 مو يەردىكى ‹‹خۇڭشۆسۈي›› پىشتى. ۋاڭ شياۋپىڭنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى، بۇ ئالمىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، ھەممىسىنى گۇاڭجوۋ، شاڭخەيلىك سودىگەرلەر مۇددەتتىن بۇرۇن زاكاز قىلدى.
     پارتىيە، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، بازار يۈرۈشتۈرۈش، جەمئىيەت قاتنىشىش چۆللۈكنى كۆكەرتىش جەريانىنى تېزلىتىپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېڭ خاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باغ-ئورمانچىلىق بۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى يېشىل كەسىپكە ئايلاندى. پۈتۈن ناھىيەدە 1 مىليون 600 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 240 مىڭ مو يەر خاس باغ – ئورمان. 2017-يىلى، پۈتۈن ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەكى باغ – ئورماندىن قىلىنغان.
    بىر تۈپ دەرەختىن بىر پارچە ئورمانلىققىچە، ئاندىن يەنە چەكسىز ئورمانلىققىچە، كۆكيار قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچقۇنى ئاقسۇ زېمىنىدا ئاللىقاچان يانغىنغا ئايلاندى. ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان يېشىللىق ئىلگىرىكى سېرىق قۇمغا تويۇنغان قەدىمىي چۆللۈكنى جۇڭگو ۋە چەت ئەلگە نامى تارقالغان ئەلا سۈپەتلىك چوڭ باغقا ئايلاندۇردى. ھازىر پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي باغ – ئورمان كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىپ، يىللىق مېۋە – چېۋە ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 210 نەچچە مىڭ توننىدىن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 13 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ باغ – ئورماندىن قىلغان ساپ كىرىمى 4530 يۈەنگە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ %32ىنى ئىگىلىدى.
    ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن قايناق ساياھەت
    مۇشۇ ‹‹1 – ئۆكتەبىر›› بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، كۆكيار ئېكولوگىيە باغچىسى ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى. بۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ دېھقانلار ئارامگاھى بولۇپ، شەھەر رايونىدىن ئاپتوموبىل بىلەن ئون نەچچە مىنۇتتا بارغىلى بولىدۇ، ئادەتتە ھەپتە ئاخىرىدىكى قوش ئارام كۈنىدىمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.
    ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 80 مو كېلىدىغان دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ 40 موسى مېۋىلىك باغ. گۈپۈلدەپ خۇش پۇراق تارىلىپ تۇرىدىغان ئالما دەرىخىنىڭ ئەتراپىدا، پارقىراپ تۇرغان، مەي باغلاپ پىشقان ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرنى ساياھەتچىلەر قولىنى سوزسىلا ئۈزۈۋالالايدۇ. كۆلچەكتە سېرىق، يېشىل، چىپار داغلىق نېلۇپەر ئۆسكەن بولۇپ، كىشىگە گۈل ئېچىلغان مەزگىلدىكى كاتتا مەنزىرىنى ئەسلىتىدۇ. باغ بىلەن بىر يول ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدىغىنى دەل كۆكيارنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا تىكىلگەن ئېكولوگىيە ئورمىنى. 32 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئىلگىرىكى كۆچەتلەر ھازىر پەلەككە تاقىشىپ ئۆستى، تۇتاش كەتكەن يېشىل توسۇق قۇم-بوراننى توسۇپ، زۇمرەت سۇ، كۆك ئاسماننى قوغدىماقتا. ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ مەسئۇلى لۈ پېڭئەن: كۆكياردىكى يېشىللىق بارلىق ئاقسۇلۇقلارغا ياخشى كۈن ئېلىپ كەلدى، دېدى.
    لۈ پېڭئەننىڭ دادىسى بىلەن تاغىسى كۆكياردا كۆچەت تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىشقا قاتنىشىپ، كېيىن بۇ يەردە باغنى ئون يىللىق ھۆددىگە ئالغان. 2007 – يىلىدىن باشلاپ، ئۇلار ئۆزلىرى يېتىشتۈرگەن مېۋىلىك باغدا كىچىك كۆلەمدە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى. ‹‹يېقىنقى نەچچە يىلدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلاندى، ساياھەتچىلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، بىزمۇ كۆلەمنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتۇق. بۇ يىلقى كىرىمىمىز مۆلچەرىمىزچە 3 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن %50 كۆپىيىشى مۇمكىن››. لۈ پېڭئەن يەنە ئارشاڭ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ئۆي ئىچىدە بېلىق تۇتۇش ۋە ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى تۈرىنى كۆپەيتىپ، قىشلىق سودىسىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇشنى پىلانلىدى.
    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ جيۇشياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆكياردىكى چەكسىز ئورمانلىقتا 40 نەچچە دېھقانلار ئارامگاھىدىن تەركىب تاپقان توپ شەكىللىنىپ، نەچچە مىڭ دېھقان – چارۋىچىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيە ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن يول ئاچقان، ئۈلگە بىلەن تەمىنلىگەن.
    ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، 2015-يىلىدىن بۇيان، ئاقسۇ پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى بويىدا ئىككى ‹‹مىليون مو››لۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش، باغ – ئورمان كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىش، ساياھەت ئىستىراھىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش بىر گەۋدە قىلىنغان بۇ ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشلىرى ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە يېڭى ساياھەت مەنزىرە رايونىنى كۆپەيتتى.
    بۇ يىل 8 – ئايدا، ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى دولان دەرياسى مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ يەرگە كەلسىڭىز خۇددى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتىغا كېلىپ قالغاندەك بولىسىز، سۇ ئۈستى شىپاڭى، مەجنۇنتال ئارىسىدا سايراۋاتقان قۇشلار، يېشىل ئوت – چۆپلەر، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر، يەنە ئورمانلىقتىكى چىغىر يول سىزدە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ... سۈرەتتەك مەنزىرە ئاقسۇلۇقلارنى پەخىرلەندۈرۈپلا قالماي يەنە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە رام قىلدى. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇ يەر مىغ – مىغ ئادەمگە تولۇپ كەتتى. خېفېيلىق ساياھەتچى خې چىڭيۈ: ‹‹بۇ قېتىم ئاقسۇغا كەلگىنىمدە قىزىل مىڭئۆينى كۆرۈپلا قالماي يەنە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دولان دەرياسى مەنزىرە رايونىنى كۆردۈم، ئاقسۇ بەك گۈزەل ئىكەن›› دېدى.
    دولان دەرياسى مەنزىرە رايونىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، بۇ يىل 6 – ئايدا يېڭىلا ئېچىلغان ئاقسۇ دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسى بار. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1800 مو كېلىدىغان باغچىدا 20دىن ئارتۇق چوڭ – كىچىك تەبىئىي كۆل بار، رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ۋە ياپيېشىل دەرەخلەر بۇ جايغا ئالاھىدە ھۆسن قوشقان... ئۇزاق يىل شەھەردە ياشىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنداق جىمجىت جەلپكار مەنزىرە تەبىئىيلا كۆڭۈلنى مەھلىيا قىلىدۇ. باغچە ئېچىلغاندىن بۇيان، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 1 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3000 مو كېلىدىغان ئاقسۇ ئورمان باغچىسىمۇ رەسمىي تۈردە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى.
    دولان دەرياسى مەنزىرە رايونى، سۇلۇق يەر باغچىسى، ئورمان باغچىسىنىڭ ھەممىسى ئاقسۇ دەرياسى بويىدىكى مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئۆگەن دەرياسى بويىدىكى مىليون مولۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشى رايونىدا ئاۋات ناھىيەسى دولان مەنزىرە بەلبېغىنى قۇردى، شايار ناھىيەسى توغراقلىق باغچىسىنى قۇردى...
    ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەممە زېمىنىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 1985 – يىلىدىكى %3.35تىن %6.8كە ئۆرلىدى، شەھەرنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %35.46كە يەتتى، ئاقسۇ شەھىرى ‹‹دۆلەت ئورمان شەھىرى››، ‹‹مەملىكەت بويىچە باغباراڭلاشتۇرۇش، كۆكەرتىشتىكى ئىلغار شەھەر››، ‹‹جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى›› قاتارلىق نۇرغۇن ناملارغا ئېرىشتى.
    گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاقسۇ ساياھەتچىلىكىنىڭ يارقىن ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى. بۇ يىل 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ۋىلايەت كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 5 مىليون 40 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە، ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمى 3 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم %54 ۋە %107 ئاشقان، خەلقئارا ساياھەتچى مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %300 ئاشقان. خۇاڭ جيۇشياڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: ‹‹بىزنىڭ نىشانىمىز ئاقسۇنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش››، دېدى.
    يېشىل كەسىپ ئىشەنچكە تولغان بەختكە تۈرتكە بولدى
    ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ‹‹قار – مۇز مىسۈي باغچىسى›› ئالمىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش ئۈلگە بازىسىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغ باغرىنىڭ چوڭ بىر پارچە يېرىدىكى يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن قورۇ كۆزگە چېلىقىدۇ، قىزىل تاملىق، ئاق ئۆگزىلىك نەچچە يۈزلىگەن ئۆي كىشىگە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ، بۇ، كۆكيار بازىرىنىڭ قىزىلتاغ يېڭى كەنتى، ئونسۇ ناھىيەسى ئېكولوگىيە كۆچمەنلىرى ئۈچۈن قۇرغان ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى.
    كۆكيار بازىرىنىڭ باشلىقى ئەيسا ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: تاغدىكى يايلاقنىڭ چېكىنىپ كەتمەسلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تاغلىق رايوننىڭ ئۆز ئادەملىرىنى باقالماسلىقتەك مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قىزىلتاغ يېڭى كەنتىنى قۇرۇشنى قارار قىلدۇق. تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش تاغدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنى تۈزلەڭلىككە كۆچۈپ مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇردى. باغ – ئورمانچىلىق مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى.
    ئابباس ھېيتەكنىڭ قورۇسى ئازادە، پاكىز ۋە رەتلىك بولۇپ، تېرىقچىلىق رايونى بىلەن باقمىچىلىق رايونى ئايرىۋېتىلگەن، ئىككى ياتاق، ئىككى مېھمانخانىلىق 80 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان يېڭى ئۆيى چىرايلىق ئىدى. ‹‹بىز 2014 – يىلى 11 – ئايدا كۆچۈپ كىرگەن، بۇ ئۆيگە دۆلەت 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تولۇقلىما ياردىمى بەردى، بىز ئاز بىر قىسمىنى چىقاردۇق››.
    ھازىرقى كۈنلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، ئابباس ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلەت سەككىز مو يەر بۆلۈپ بەردى، ياڭاق كۆچىتىمۇ تىكىكلىك ئىكەن. ھازىرچە تېرىقچىلىق قىلىشنى بىلمەيمەن، كەنتتىكىلەرگە ئوخشاشلا ۋىلايەتلىك پارتكوم دۆلەت كارخانىلىرىغا ئۈچ يىل ۋاكالىتەن باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى، سەككىز مو يەردىن يىلدا 8000 يۈەن كىرىم قىلىمەن. كەنت ئەتراپىدا نۇرغۇن چوڭ باغ، چوڭ شىركەتلەر بار، خوتۇنۇم بىلەن بىللە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، بىر تەرەپتىن پۇل تاپقاچ، بىر تەرەپتىن تېخنىكا ئۆگىنىپ، يىلدا 50 – 40 مىڭ يۈەن تاپالايمىز. قىشتا قوي بوردايمەن، خوتۇنۇم مىلىچماللار دۇكىنى ئاچىدۇ، يەنە 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز.
    ئابباس ھازىرقى مۇقىم ئولتۇراقلىشىشتىن ئىنتايىن رازى، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئىلگىرى بىز ناھىيە بازىرىدىن 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا تۇراتتۇق. بالىلارنى ئوقۇتۇش، ياشانغانلارنىڭ كېسىلىنى كۆرسىتىش قولايسىز ئىدى. ھازىر يېقىنلا جايدا مەكتەپ، دوختۇرخانا بار، تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن راھەتتە ئۆتۈۋاتىدۇ››. قاتناش قولايلاشتى، كۆپ خىل يول بىلەن پۇل تاپالايدىغان مۇقىم ئولتۇراقلىشىش تۇرمۇشى كۆپلىگەن ‹‹ئابباس››لارنى كۆچەلەيدىغان، مۇقىم ئولتۇراقلىشالايدىغان قىلىپ، ئىشەنچكە تولغان بەختتىن ھۇزۇرلاندۇردى.
    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇنىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى نۇرغۇن ئىجتىمائىي كاپىتالنى جەلپ قىلدى، بۇ پۇقراۋى كارخانىلار كىرىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك خىزمەت پۇرسىتىنى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزدى. ۋاڭ شياۋپىڭنىڭ 6300 مولۇق باغ – ئورمان، تېرىقچىلىق بازىسى كۆكيار بازىرىدا. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇرتداشلار موتوسىكلىتتا ئون نەچچە مىنۇتتىلا باغقا كېلەلەيدۇ، ئىنتايىن قولايلىق. بازاردىكى بەش كەنتتىكى يۇرتداشلارنىڭ %70ى بېغىمدا ئىشلىگەن. شىركەتنىڭ ھەر يىللىق ئادەم ئىشلىتىشكە كېتىدىغان چىقىمى 20 نەچچە مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسۇ باغ – ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، باغ – ئورمان كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزىرىشى ئەلا سۈپەتلىك باغ – ئورماننىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە يۇرتداشلارغا  كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يۈزلىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى. خۇڭچىپو جىنۋۇليەن ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ رەتلىك، پاكىز، ئازادە سېخىدا، مۇخبىر دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار مېۋىلەرنى ئايرىش ئۈسكۈنىسىنى كۆردى. ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىدىكى نەچچە يۈز تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلاتنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايتتى. مۇئاۋىن باش دىرېكتور ۋاڭ جۈنبو كىچىك بىر قۇتا سۇسىزلاندۇرۇلغان ئالما ياپراقچىسىنى ئېلىپ، تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ 100 گىراملا كەلگىنى بىلەن، سەككىز يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، بىر كىلوگىرام ئالمىنىڭ باھاسى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ. كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، باغ – ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇرۇش يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە يەرلىككە سانائەت ئىشچىلىرى يېتىشتۈرۈپ بەردى.
     21 ياشلىق مەخمۇت مەتقاسىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگۈچىلەرنىڭ بىرى. مەخمۇت مەتقاسىم مۇنداق دېدى: ‹‹مەن ھازىر ئايدا 3800 يۈەن مائاش ئالىمەن. شىركەت كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاتا – ئانامغا ئايدا 3000 يۈەن ئەۋەتىپ بېرىمەن، ئائىلىمىزنىڭ ئالتە مو ئالمىلىقىدىن يىلدا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمىز، ئاتا – ئانام يەنە كۈنلۈك ئىشلەيدۇ. ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئىككى ئۇكاممۇ خاتىرجەم ئوقۇيالايدىغان بولدى››. بۇ يىل 5 – ئايدا، مەخمۇت مەتقاسىم ئىسمېنا باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى، ئۇ ھازىر 62 يېڭى ئىشچىنى باشقۇرىدۇ.
    كۆكيارنى كۆكەرتىشتىن ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشكىچە، ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز بايلىق يارىتىش جەريانىدا داۋاملاشماقتا. بۇ يىل باھاردا، ئاقسۇدىكى تۆتىنچى مىليون مولۇق ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش  كوڭتەيلىك چۆللۈكىنى تۈزەش باشلاندى، 2020 – يىلى تاماملىنىش پىلانلانغان بۇ قۇرۇلۇش ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئېكولوگىيە جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ، يەنە 4500 ئىش ئورنى يارىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    مۇشۇ پەيتتە، كوڭتەيلىك رايونىدىكى يېڭىدىن تىكىلگەن كۆچەتلەر بوي تالىشىپ ئۆسمەكتە، ئوغۇت ۋە سۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ئەسلىھەسى ئارقىلىق، كۆچەتلەرنىڭ يىلتىزىنى ئۈزلۈكسىز نەمدەپ، كەلگۈسىدىكى مول مېۋىلەرگە ئوزۇقلۇق ئاتا قىلماقتا. بۈگۈنكى ئاقسۇ ئىلگىرىكى كۈنلەردىكى تېرىقچىلىقنىڭ پايدىسىنى كۆردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇش نۆۋەتتىكى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارىسىدا بارلىققا كەلمەكتە!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى