تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى

ئادەمنى، ئىختىساسلىقلارنى توغرا تەربىيەلەش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10–ئاينىڭ 11–كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش مۇقەددەس بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇمىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تەجرىبە، مۇۋەپپەقىيەتلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلىدى، مائارىپ خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشى، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن مائارىپ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، غايە–ئېتىقادنى چىڭىتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەخلاق–پەزىلەت يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىلىمنى ئاشۇرۇش، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قۇدرەتلىك ئىدىيە، ئىختىساسلىقلار ۋە بازا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىلىق ۋەزىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئورنى، ئىجتىمائىي ئورنى، كەسپىي ئورنىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك. مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان جاھىل، ساقايماس كېسەلنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك. مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى–سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مائارىپ ساھەسىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

      يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پىكىر يولىنى پىلانلاپ، تەدبىر تۈزۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى قۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى