تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ

——كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن كەلگەن ئىلھام(2)

  شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

  قەدىمىي چۆللۈك مەۋج ئۇرۇۋاتقان چەكسىز ئورمان دېڭىزىغا ئايلاندى؛ قۇم–بوران مەنبەسى يېشىل توسۇققا ئۆزگەردى. 32 يىلدىن بۇيان، ئاقسۇلۇقلار داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تەڭداشسىز جانلىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، بەختنىڭ كۈرەش قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  كۆكياردا سۇ كەمچىل ئىدى، 505 كۆۋرۈك سۈڭگۈچى بار بولغان سۇ سىڭمەس غول ئۆستەڭنى ياساشتا تايانغىنى كۈرەش قىلىش بولدى؛ كۆكياردا يول يوق ئىدى، يېرىم مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سېرىق توپا قاتلىمىنى چىڭداپ يول ياساشتا تايانغىنى كۈرەش قىلىش بولدى؛ كۆكيار شورلۇق ئىدى، بارلىق ئاماللار بىلەن شورنى ئېقىتىپ تۇپراقنى مۇنبەتلەشتۈرۈشتە تايانغىنى كۈرەش قىلىش بولدى.

  كۆكياردىكى مىليون مولۇق ئورمان دېڭىزى بىر تۈپ، بىر تۈپتىن كۆچەت تىكىش ئارقىلىق بىنا قىلىندى. كۆكيارنىڭ 32 يىللىق كۆكەرتىش تارىخى جانلىق كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر.

  ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، بەخت ئەزەلدىن ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئولتۇرۇپ داۋلى سۆزلەش ئاقمايدۇ، تەييارغا ھەييار بولۇش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. گۈزەل تۇرمۇشنى يارىتىش ئۈچۈن، چوقۇم بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. پەقەت كۈرەش قىلغاندىلا، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق ياراتقىلى، بەختنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتقىلى، بەختنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ پەقەت كۈرەش قىلغاندىلا، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش جەريانىدا بەختنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  ‹‹ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا، نۆۋەتمۇنۆۋەت كۈچ ئۇلاپ ئىشلەش كېرەك››، بۇ كۈرەشنىڭ داۋاملىشىشىدۇر. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى داۋاملىق كۈرەش قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش، دەپ كۆرسەتتى. 32 يىل ئىلگىرى، شيې فۇپىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغاندا، كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، قەدىمىي چۆللۈكتە ‹‹يېشىل ئۈمىد››نى تىكتى. شۇنچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن مۇخبىر شيې فۇپىڭدىن ئوخشاش بىر سوئالنى سورىدى: ئەينى چاغدىكى شارائىت شۇنچىۋالا ناچار تۇرسا، قانداق بولۇپ چۆللۈكنى كۆكەرتىش ئويىغا كېلىپ قالدىڭىز؟ شيې فۇپىڭنىڭ جاۋابى ھەمىشە ئوخشاشلا ئىدى: ‹‹ئەينى چاغدا ناچار ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ئامما ھەل قىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغانىدى››. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ‹‹تۆھپىنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولۇشى شەرت ئەمەس›› دېگەن روھ ۋە ‹‹تۆھپە قوشۇشتا جەزمەن مەن بولۇشۇم كېرەك›› دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىقنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ يېشىل قۇرۇلۇشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان يېشىل سەددىچىن سېپىلىنى قۇردى.

  ‹‹يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەش›› كۈرەشنىڭ كۈچ ئۇلىشىدۇر. كۆكيارلىقلار قولىدا يەتكۈزگىنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى. ھەممىگە ئايانكى، ئېكولوگىيەنى تۈزەشتە بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، چۆللۈكنى كۆكەرتىش ئۇزاق ھەم مۈشكۈل سىستېما قۇرۇلۇشى. كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش 32 يىل داۋاملاشتى، بۇ ئارىدا 54 قېتىم، 4 مىليون ئادەم (قېتىم) قاتناشقان بىرلەشمە جەڭ قانات يايدۇرۇلدى، بۇ جەرياننىڭ ئۆزى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى تارقىتىش جەريانىدۇر. 32 يىلدا كۈنلەر ئايلارغا، ئايلار يىللارغا ئالماشتى، ئاقسۇلۇقلار ھەم چۆللۈكنى كۆكەرتىشنىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى، ھەم ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگۈچى. ئۇلار شۇنىڭغا تېخىمۇ ئىشىنىدۇكى: سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى ھەم تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە بايلىقى، ھەم ئىقتىسادىي بايلىق، ئىجتىمائىي بايلىق. بۇنداق ئىدىيە ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلۈپ، تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، بۇنداق قىممەت قارىشى يېشىللىق ئۇرۇقىنى ئاقسۇدىكى ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، بىخلاندۇرۇپ، ئۇلارنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قوشۇنىغا ئايلاندۇردى. ئۇلارنىڭ جىسمىدىن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئاقسۇنى كۆرۈشكە تەقەززامىز.

  بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزگەرتكىنى يالغۇز قاقاس چۆللۈكنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىلا ئەمەس، ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ‹‹ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، جاپا–مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش››تەك كۆكيار روھىنى تاۋلىدى. كۆكيار قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى بۆلەك ئورمانلىقتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر خاتىرە سارىيى بار، 32 يىل ئىلگىرىكى رەڭسىز سۈرەتلەردە تەسۋىرلەنگەن ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى جاپالىق شارائىتتا، چۆللۈكتە قەيسەرلىك بىلەن ئورمان بىنا قىلىۋاتقان مەنزىرىسى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرۇپ، ئۇلارغا ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان مەنىۋى كۈچنى ھېس قىلدۇرىدۇ. دەل مۇشۇنداق كۆرۈنمەس كۈچ ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىر كۆكياردىن باشلانغان ئاشۇ بىر پارچە يېشىللىق تۆت ئەتراپقا كېڭىيىپ، چەكسىز ئورمانلىقنى شەكىللەندۈردى؛ كۆكيار روھىمۇ ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ ھەم يېڭى دەۋر مەزمۇنى يۈكلىنىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

  بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. كۆكياردا ئىلگىرى–كېيىن، ئارقىمۇئارقا داۋاملاشقان يېشىللىق كۈچ ئۇلىشى دەل جۇڭگو زېمىنىدىكى يېشىل تەرەققىياتنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر. پەقەت بىز قۇرۇق خىيالدا بولماي، قۇرۇق نامغا بېرىلمەي، ھەر بىر قەدىمىمىزدىن ئىز قالدۇرساقلا، تېخىمۇ كۆپ يېشىللىق مۆجىزىسىنى جەزمەن يارىتالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى