تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ــــ ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتى

  ــــ كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن كەلگەن ئىلھام (1)

  گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  بوران قۇترايدىغان چۆللۈكتىن يېشىللىق مەۋج ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقان چەكسىز ئورمانغىچە. 32 يىلدىن بۇيان، ئاقسۇلۇقلار جاپالىق ئىگىلىك تىكلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، قۇم – بوران قۇترايدىغان چۆل – جەزىرىدە 1 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەت تىكىپ، ئورمان بىنا قىلىپ، قۇم – بوران مەنبەسىنى يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىغا ئۆزگەرتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل ماكانىغا ئايلاندۇردى.

  دەل – دەرەخلەر بوي تالىشىپ بەس – بەستە ئۆسۈپ، يېشىللىق مۆجىزىسى يارىتىلدى؛ بۇلاقلار توختىماي بۇلدۇقلاپ ئېقىپ، بەختلىك تۇرمۇشنى سۇغاردى. كۆكياردىكى زور ئۆزگىرىش شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى. كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يېشىل تەرەققىيات ھەر مىللەت ئاممىغا تولۇپ تاشقان ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ‹‹ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتى›› دېگەن بۇ مۇھىم، زور ھۆكۈمنى دەلىللىدى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە، شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىجتىمائىي مەسىلە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسى ئويلىغانغا، ئىنتىلگەنگە، ئالدىرىغانغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باشتىن – ئاخىر سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنىڭ تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى. كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى دەل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنىڭ ئۈلگىسى، كۆكيار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيەدە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيەدە خەلقنى ئويلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتىگە ئايلاندۇرۇشتا ‹‹سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. بۇ، بىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتىكى تۈپ مىزانىمىز. كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ھەم ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى زور دەرىجىدە يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، ئاقسۇنى سېھرىي كۈچكە باي ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇردى؛ ھەم ئاقسۇنى مەملىكەت بويىچە داڭلىق چوڭ مېۋىزارلىققا ئايلاندۇرۇپ، چۆل – جەزىرىنى پۇقرالارنىڭ ‹‹يېشىل بانكىسى››غا ئۆزگەرتتى. بۇ، ئاقسۇلۇقلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ ياراتقان مول نەتىجە، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەتنى بېقىشى ئاخىرقى ھېسابتا ئىنسانلارنى تەبىئەتنىڭ سوۋغىسىغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بىر مەھەللىك ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تىرەش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتىگە ئايلاندۇرۇشتا، چوقۇم قەتئىي تەۋرەنمەي، ئېگىلمەس – سۇنماس جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئۇلۇغ ئىش بولۇپ، ئالىيجاناب روھنىڭ تىرەك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 32 يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەممىسى خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇقەددەس بۇرچ قىلىپ، ‹‹تۆھپىنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولۇشى شەرت ئەمەس›› دېگەن روھ بىلەن، ‹‹ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، بەنزىمۇبەنزە كۈچ ئۇلاپ ئىشلىدى››؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى جەمئىي 4 مىليون ئادەم(قېتىم)گە يېقىن كادىر، ئامما پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشقا ئاتلاندى. ‹‹يىلنى – يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش›› ــــ ‹‹ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش››تەك كۆكيار روھىنى بارلىققا كەلتۈردى. بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي داۋاملىق كۈرەش قىلىش روھى بولمىسا، كۆكيارنىڭ ‹‹يەر شارىدىكى 500 گۈزەل مۇھىت››نىڭ بىرى دېگەن شەرەپلىك، كاتتا نامى بولمايتتى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە پەزىلىتىنى چېنىقتۇرغاندىلا، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

  ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتىگە ئايلاندۇرۇشتا، يەنە ‹‹ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان›› بەخت مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش كېرەك. ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، تەبىئىي مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىنسانىيەتنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلغانلىق ئىنسانلارغا بەخت ياراتقانلىق. كۆكياردا ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش نەتىجىلىرى ئاقسۇدا رادىياتسىيە ئېففېكتى پەيدا قىلدى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلدى، ‹‹شەھەر ئورمانلىق ئىچىدە، سۇ شەھەر ئىچىدە، ئادەم باغ ئىچىدە بولۇش›› ئاقسۇنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئىدىيە، شۇنداقلا گۈزەل شەھەر مۇھىتىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، قارىسىلا تاغنى كۆرگىلى بولىدىغان، نەزەر سالسىلا سۇنى كۆرگىلى بولىدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە تۇتىدىغان گۈزەل شىنجاڭ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلغىلى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

  مۇھىت دېمەك خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، يېشىل تاغ دېمەك گۈزەللىك دېمەكتۇر، كۆك ئاسمان دېمەك بەخت دېمەكتۇر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ــــ ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتى›› دېگەننى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت چوقۇم شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ، چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشقا تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى