تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نەقمەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

  پائالىيەتنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نەق مەيداندا ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى شىنجاڭ داشۆدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دىققەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بىلەن تەمىنلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مائارىپ سىستېمىسىدا ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بارلىق خادىملار ئادەم تەربىيەلەش، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش، پۈتۈن جەمئىيەت ئادەم تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پائالىيەتنى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نىشان – يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋەزىپە – تەدبىرلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئۇسۇل – چارىلەرنى ياخشىلاپ، ‹‹كىرىش››، ‹‹ئالاقىلىشىش››، ‹‹دوستلىشىش››نىڭ ھەرقايسى ھالقىسىدىكى پائالىيەت ۋاسىتىسى ۋە ئەمەلىي مەزمۇننى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي بولۇشى، چوڭقۇر بولۇشى، قەلبتىن ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىش، تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەش، نازارەتچىلىك ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پائالىيەتنىڭ ئۆلچەملىك قانات يېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دائىملاشتۇرۇش، داغدۇغا شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتى سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن سىستېمىسى، ئوقۇتۇش سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارغا سىڭدۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مائارىپ سىستېمىسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، پارتىيە بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر مائارىپ بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى