تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر شىخودا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

  دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر شىخو سانائەت رايونى كەيسەي (شىخو) بىيولوگىيەلىك ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بېرىپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش شەكلىدە، كارخانا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى شۇ يەردە تەتقىق قىلىپ ھەل قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

   تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، شۆھرەت زاكىر كارخانىنىڭ خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىلىشى، بازار ئىستىقبالى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، ھازىرقى تېخنىكىسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى، مەھسۇلاتىنىڭ بازار ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرىلىقى، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم كارخانىنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق پايدىسى، ئىسلاھات پايدىسى ۋە سىياسەت پايدىسىنى تولۇق، ياخشى ئىشلىتىپ، كارخانا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ، دۇنيا بازىرىنى ئېچىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخو شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا مۇنۇلارنى تاپىلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يىغىن ۋە مۇھىم ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ بىر تۇتاش يېتەكچىلىكىدە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ كونكرېت تەدبىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت – سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانا تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۈرلەرگە بىرمۇبىر تىكىلىپ، كارخانىلارغا بىر – بىرلەپ بېرىپ، ئىشلارنى بىر – بىرلەپ بېجىرىپ، مەسىلىلەرنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلىپ، ئىنچىكە تۇتۇشقا، پۇختا تۇتۇشقا، ئۈنۈم ھاسىل قىلغىچە تۇتۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى