تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ

 ــــ جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇلاھىزە (4)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى جۇڭفا، يۈ جياشىن، بەي جيې

  ئېچىۋېتىش ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئائىلە، دۆلەت ئەسلىمىلىرىنى ئورناتتى.

  40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا بىلەن چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆزئارا يۇغۇرۇلدى، ئۆزئارا تۇتاشتى، شۇنداقلا ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئەمەلىيەتكە ئايلاندى، ئېچىۋېتىش جۇڭگونى ئۆزگەرتتى، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتتى.

  نۆۋەتتە سودا قورۇقچىلىقى، دۇنياۋىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغان تەتۈر پىكىر ئېقىمى قايتا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان، بولۇپمۇ جۇڭگو – ئامېرىكا سودا سۈركىلىشىنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان جۇڭگو لوپا ئەينەكتە كۆزىتىلدى: بەزىلەر جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشى چېكىنىۋاتىدۇ، دېدى، بەزىلەر جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشى باشقا دۆلەتلەرگە بولغان ‹‹ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىق›› دېدى، يەنە بەزىلەر جۇڭگونىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئېچىۋېتىشى بېسىمدىن بولغان ۋاقىتلىق تەدبىر، دېدى...

  ئەمەلىيەت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئېچىۋېتىش راۋانلاشقان تارىخىي ئېقىمنى ئېنىق تونۇپ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش يولىنى بويلاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلىگەندىلا، كىشىلەر جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ تاقالمايدىغانلىقىنى، بەلكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشى سودا سۈركىلىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان مەجبۇرىي تەدبىرمۇ ياكى تەشەببۇسكار ھەرىكەتمۇ؟

  10 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئېچىلىش بىر ئايلىق تەتۈر سانىقى باشلاندى. ئېچىۋېتىش ئارقىلىق گۈللەنگەن شاڭخەي شۇ چاغدا دۇنيادىكى 130دىن كۆپ دۆلەت ۋە رايوننىڭ 2800دىن كۆپ كارخانىسىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.

  دۇنيا بويىچە تۇنجى ئىمپورت باش تېما قىلىنغان بۇ كۆرگەزمە چەت ئەللىكلەر تەرىپىدىن جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى بىر چوڭ ‹‹يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى›› دەپ ئاتالدى.

    خەلقئارا سودا قورۇقچىلىقى باش كۆتۈرگەن ۋەزىيەتكە قارىتا، جۇڭگونىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا يەنە، بەزىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى زادى تەشەببۇسكار ھەرىكەتمۇ ياكى سودا سۈركىلىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان مەجبۇرىي تەدبىرمۇ؟ دېگەن پەرىزىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  ‹‹جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى <ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ> دېگەن تارىخىي ساۋاقتىن كەلگەن، دەل ئېچىۋېتىش ئىدىيەنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ، <ئىنسانلار تەرەققىيات تارىخىدىكى مۆجىزە>نى ياراتقان››. جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ زور دەرىجىدىكى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئېچىۋېتىشمۇ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى.

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018 – يىللىق يىللىق يىغىنىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغىچە، يەنە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغىچە، ‹‹ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش›› يادرولۇق ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دۇنياۋىلىشىشنى قوللاش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ئورتاق ياڭراتتى.

   چىگىش – مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى – سىرتى ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بېكىتىلگەن ئورۇنلاشتۇرما ۋە رىتىمغا ئاساسەن، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  بازار ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە قويۇپ بېرىش، تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى يارىتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئىمپورتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىش... بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە جۇڭگو دۇنياغا بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  ــــ 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، راكقا قارشى دورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 تۈرلۈك دورىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى بىكار قىلىندى؛

  ــــ 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى تاشقى مەبلەغدىن يەنىمۇ پائال، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ، بازار ئىجازىتىنى قويۇپ بېرىش، خەلقئارادىكى مەبلەغ سېلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاش، كارخانىنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

  ــــ 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، يېڭى نۇسخىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشقا دائىر پاسسىپ تىزىملىك چىقىرىلىپ، 2017 – يىلى نۇسخىسىدىكى 63 ماددىدىن 15 ماددا ئازايتىلدى، 22 ساھە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش بازىرى ئىجازىتىنى زور دەرىجىدە قويۇپ بەردى؛

  ــــ 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتوموبىل ئىمپورت تاموژنا بېجى خېلىلا تۆۋەنلىتىلدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتوموبىل ھەمدە زاپچاسلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۈندىلىك ئىستېمال مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى بىر قەدەر چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىتىلدى.

 ــــ 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى قائىدىسى كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى، 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، 1585 باج ئېلىش ئوبيېكتىنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى تۆۋەنلىتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسى ئۆتكەن يىلىدىكى %9.8 تىن %7.5كە تۆۋەنلەيدۇ.

  ...

  ئېچىۋېتىش ئىزنالىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە باشتىن – ئاخىر ئېنىق بېسىلدى ــــ

  1978 – يىلىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بۇرغىسى چېلىنغاندىن تارتىپ، 2001 – يىلى جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانغا قەدەر؛ ئىلگىرىكى ‹‹كىرگۈزۈش››نى ئاساس قىلىشتىن تارتىپ، ‹‹كىرگۈزۈش›› بىلەن ‹‹چىقىرىش››نى بىرلەشتۈرگەنگە قەدەر؛ دېڭىز بويىنى ئېچىۋېتىش باشلانغاندىن تارتىپ ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى كېڭەيتىپ شەكىللەندۈرگەنگە قەدەر؛ ئۆگىنىش، كىرگۈزۈش، خەلقئارا ئىقتىساد – سودا قائىدىسىگە ئۇيغۇنلىشىشتىن تارتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشقانغا قەدەر... شەكىلدە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قەدىمى ئەسلا ئاستىلاپ باقمىدى ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ شياۋسۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە مەسىلىلىلەرنى كۆزىتىش ئاساسىدا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يولغا قويغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، نۆۋەتتە جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، ئۆز مەنپەئىتىگە ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىش.

  ئېچىۋېتىش يولى تەكشى بولمايدۇ، دۇنياغا سىڭىشىش ئۈچۈن ھەر خىل ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. 1997 – يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرمەسلىكتە چىڭ تۇردى، ئۆزى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشكە رازى بولۇپ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى؛ 2008 – يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى كۈچلۈك ئېشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەڭداشسىز تۆھپە قوشتى. ھازىر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمغا يەتتى. بوران – چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن قىياپەت بىلەن ھەرقانداق خىرىسلارنى كۈتۈۋالالايدۇ.

  ئىسپانىيە ‹‹ئىقتىسادشۇناسلار›› گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت قورۇقچىلىق تەدبىرىنى قوللىنىشقا مايىللاشقاندا، جۇڭگونىڭ ئۇز تەرەققىيات مەنتىقىسى بويىچە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ تارقاتقانلىقى ئالاھىدە ئاپىرىن ئېيتىشقا ئەرزىيدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشى ئىقتىسادىي تەھدىتمۇ ياكى تەرەققىيات پۇرسىتىمۇ؟

  9 – ئايدىكى جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو ‹‹سەككىز چوڭ ھەرىكەت››نى يولغا قويۇشنى يادرو قىلغان يۈز نەچچە تۈرلۈك ئەمەلىي ھەمكارلىق تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتتى.

  ‹‹خۇددى بىر شام ئارقىلىق يەنە بىر شامنى ياندۇرغانغا ئوخشاش، دۇنيا تېخىمۇ نۇرغا تولىدۇ››. ئافرىقا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ سۆزى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ بەردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تۈرى ۋە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ‹‹قەرز توزىقى›› قاتارلىق قاراشلىرىمۇ ئارقىدىنلا پەيدا بولدى، ئۇلار جۇڭگو بەرگەن قەرز پۇل ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قەرز يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى›› شەكىللىنىدۇ، دەپ قارىدى.

  بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىنتايىن قايىل قىلىش كۈچى بار: 2017 – يىلى جۇڭگو بەرگەن قەرز پۇل سىرى لانكا تاشقى قەرزىنىڭ %10 ئۆپچۆرىسىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە %61.5ى خەلقئارا بازار ئۆسۈم نىسبىتىدىن تۆۋەن بولغان ئېتىبارلىق قەرز پۇل؛ پاكىستاننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قەرزىنىڭ %42ى كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلار بەرگەن قەرز پۇل، جۇڭگو بەرگەن قەرز پۇل ئاران %10نى ئىگىلەيدۇ؛ 2000 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا بەرگەن قەرز پۇلى ئافرىقا ئومۇمىي تاشقى قەرزىنىڭ ئاران %1.8ىنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسلىقى ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق كەسىپلەرگە مەركەزلەشكەن.

  ئامېرىكا برۇكىنس ئىلمىي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىدە سىياسىي غەرەز بار، شۇنداقلا ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىپ كەلدى، لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى، بۇ تۈرلەر ياردەمگە ئېرىشكۈچى دۆلەتلەرنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ تور بېكىتىدە يېقىندا ‹‹جۇڭگو ئېلىپ كەلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى›› سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىندى، ماقالىدە ئافرىقىدىكى سەككىز دۆلەتتىكى 1000دىن كۆپرەك جۇڭگو كارخانىسىغا ئائىت بىر پارچە تەكشۈرۈش تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىم جۇڭگو كارخانىسى شۇ جايدىكى كىشىلەرنى تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىگەن، ئىككىدىن بىر قىسىم كارخانا پىراكتىكا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن، ئۈچتىن بىر قىسىم كارخانا شۇ جاي ئۈچۈن يېڭى تېخنىكا كىرگۈزگەن.

  جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىشى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا تەھدىت شەكىللەندۈرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى ــــ

  تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو – ئامېرىكا ئىقتىساد – سودىسىنى مىسالغا ئالساق، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان ئېكسپورتى 2001 – يىلىدىكى 26 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن بۇلتۇرقى 153 مىليارد 900 مىليون دوللارغا كۆپەيدى، جۇڭگومۇ ئامېرىكىنىڭ 9 – چوڭ ئېكسپورت بازىرىدىن 3 – چوڭ ئېكسپورت بازىرىغا ئايلاندى.

  ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ ئەڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بار: ئامېرىكا – جۇڭگو سودىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2015 – يىلى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ئېكسپورتى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك سېلىنمىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە 2 مىليون 600 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىشىغا مەدەت بەرگەن؛ جۇڭگو – ئامېرىكا سودىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى ھەر بىر ئامېرىكا ئائىلىسى ئۈچۈن 850 دوللار تەننەرخنى تېجەپ بەرگەن.

  تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە جۇڭگو ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرىغا ئايلىنىپ، مۇشۇ دۆلەتلەر ئېكسپورتىنىڭ %20ىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو ئىزچىل ھالدا ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بىلەن پائال تەمىنلەش، خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا سودىسىغا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ كەلدى.

  جۇڭگو دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىمپورت دۆلىتىگە، 120 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىغا ئايلاندى. ‹‹نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى›› مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەر ۋە ئىستېمالچىلار بۇنىڭدىن بىردەك نەپكە ئېرىشتى.

  ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئىلگىرى ‹‹دۇنياۋىلىشىش تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان بۇلۇڭ – پۇچقاقلار››نى قايتىدىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەردە چېگرا سىرتى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىق رايونىدىن 82نى قۇرۇپ، جەمئىي 28 مىليارد 900 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، شۇ جايلار ئۈچۈن 244 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى يولغا قويۇش جۇڭگونىڭ ھەمراھ دۆلەتلىرىدە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن غايەت زور ئۇل ئەسلىھە كەمچىلىكىنى تولۇقلايدۇ، سودىنى كېڭەيتىدۇ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.

  خەلقئارا سودا ئىلمىي جەمئىيىتى جۇڭگو، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىستراتېگىيە – ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئورتاق رەئىسى لى يۇڭ مۇنداق دېدى: مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش داۋامىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بازار ۋە تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مەسئۇلىيىتى بار ھەم شۇنداق قىلىشنى خالايدۇ.

  تەھدىتمۇ ياكى پۇرسەتمۇ؟ كاپىتال ‹‹پۇتى بىلەن بېلەت تاشلايدۇ››. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، جۇڭگودا يېڭى قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 40 نەچچە مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قاتلاندى؛ جەلپ قىلغان چەت ئەل مەبلىغى سوممىسى 560 مىليارد 430 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3. 2 ئاشتى.

   كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، جۇڭگونىڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىدىكىلەر 300 مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىللىق ئىمپورت 2 تىرىليون دوللاردىن ئاشىدۇ، ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنيانى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ‹‹قولايلىق ئاپتوموبىلى››غا چىقىرىۋېلىشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو ئادىل سودىنىڭ بۇزغۇنچىسىمۇ ياكى قەتئىي قوغدىغۇچىسىمۇ؟

  دۇنياغا نەزەر سالساق، بەزى دۆلەتلەر ئىلگىرى ئەركىن سودا بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ، دۇنياۋىلىشىش پايدىسىدىن بەھرىلەندى، ئۇلار باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئۆز ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ھامان، ‹‹ئەركىن سودا››نى ئۆزگەرتىپ، ئاتالمىش ‹‹ئادىل سودا››نى تەكىتلەپ، جۇڭگونى ئادىل سودىنىڭ بۇزغۇنچىسى دەپ ئەيىبلىدى.

    دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن 17 يىلدا، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەينى چاغدا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ 12 چوڭ تۈردىكى مۇلازىمەت تارمىقىنىڭ 160 نەچچە تۈرلۈك شۆبە تارمىقىدا، جۇڭگو توققۇز چوڭ تۈردىكى 100 تۈرنى ئېچىۋېتىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىچە ئېچىۋەتكەن 108 تۈرگە يېقىنلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ 54 تۈرىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى؛ جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت ساھەسىدە ئېچىۋېتىلگەن تارماق 120گە يېتىپ، ئەينى چاغدا بەلگىلەنگەن 100دىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى...

  سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جېڭ يۇڭنيەن مۇنداق دېدى: بەزى دۆلەتلەر ھازىر بار بولغان خەلقئارا سودا سىستېمىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈۋاتقان ھەتتا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىۋاتقاندا، جۇڭگو بۇ سىستېمىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندى.

  ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتىنى، ياۋروپا خەرىتە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كارخانىسىنى، ئامېرىكا پېرېۋوت شىركىتى تېز پېرېۋوت خەلقئارا شىركىتىنى سېتىۋېلىشنى توسۇش... ئامېرىكا ‹‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى›› قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى نورمال مەبلەغ سېلىشىغا ۋە تىجارەت پائالىيەتلىرىگە توسالغۇ پەيدا قىلدى ۋە ئۇنى چەكلىدى.

  دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش – تارتىشقا كېسىم چىقىرىش تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەنە باشقا ئالاقىدار ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نەچچە ئون دۆلەتنىڭ 94 تۈرلۈك ‹‹ئادىل بولمىغان سودا››سىنى تەكشۈرگەن، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81 تېز ئاشقان.

  خۇددى مۇسابىقە مەيدانىدىكىدەك، ئوخشاش مەيداندا ماھارەت كۆرسەتكەندە، ‹‹ئويۇن قائىدىسى››گە ئەمەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

  ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتا، جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى نۆۋەتتە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. بۇ تەشەببۇس ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپچىلىك ئىدىيەسى ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالدى، دەپ قارالدى. بۇ يىل 9 – ئايغا قەدەر، 130 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلات جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ‹‹ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش›› ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقىچە؛ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ۋە يىپەك يولى فوندىنى قۇرۇشتىن خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقىچە... جۇڭگو كۈنسېرى يېڭى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ۋە دۇنيا ئاممىۋى مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىگۈچىگە ئايلىنىۋاتىدۇ.

  تاشقى ئىقتىساد سودا داشۆسى خەلقئارا ئىقتىساد – سودا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى سۈي فەن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتتى، ئېچىۋېتىش دەرۋازىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، ئېچىۋېتىش قائىدىسى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىۋاتىدۇ.

  ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە تايىنىپ چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتىن تىجارەت – سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكىچە؛ ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىمپورتنى كېڭەيتىپ، سودىنىڭ تېخىمۇ تەڭپۇڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە... جۇڭگونىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرى ئىلگىرىكىنى ئاددىي ھالدا قايتىلاش بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئېچىۋېتىشنىڭ يۈگۈرۈش ‹‹ تېزلىنىشى›› بولدى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇڭ شەن يېقىندا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو ئېلان قىلغان بىر قاتار ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى تۈرلەر بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش سالمىقى تېخىمۇ زور، سەۋىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى تىجارەت – سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

  يېڭى نۇسخىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش پاسسىپ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە جۇڭگو – چەت ئەل كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش... ئېچىۋېتىش تەدبىرى ۋە سىياسىتىدە ھەم جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشىنىڭ سالمىقى نامايان قىلىندى، ھەم چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ‹‹تىنچلاندۇرۇش كۇمىلىچى›› بېرىلدى.

  بۇ يىل 1 – ئايدىن 8 – ئايغىچە، سىنگاپور، كورېيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.6 ئاشتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.2 ئاشتى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.3 ئاشتى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز نامايان بولۇۋاتىدۇ.

  باۋما گۇرۇھى بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىنىڭ لىدىرى گاۋ لې مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز جۇڭگودا ئىككى تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ دۇنيا بازىرى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ئاچقان مەھسۇلاتلىرىغا قويىمىز. بىزجۇڭگودىن ئىبارەت بۇ بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە كەلگۈسىگە زور ئىشەنچ باغلىدۇق.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى