تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چۆللۈكتە بەرپا قىلىنغان كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك يېشىل يېڭى زېمىن

ـــــ ئاقسۇ كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش خاتىرىسى (1)

  مۇخبىرلىرىمىز ليۇ دۇڭلەي، سۈي يۈنيەن، جاڭ خەيفېڭ

    ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى (9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى تارتىلغان).  

  مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى

  ئايروپىلان تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى چەكسىز قارىغايلىقتىن بارغانسېرى يىراقلاپ، بۇلۇتلار ئارىسىدا جەنۇبقا قاراپ جىمجىت ئۇچماقتا ئىدى، ئالدى تەرەپتىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىشى ئەيمەنگۈدەك ئوتتەك سېرىق رەڭگى يۈزىمىزگە ئۇرۇلىدىغاندەك قىلاتتى. ھالبۇكى، پەقەت بىر سائەتتىن كېيىنلا، زېمىن تۇيۇقسىز بۆلەكچە تۈسكە كىردى، بىپايان يېشىللىق خۇددى ھەيۋەتلىك دولقۇنغا ئوخشاش ئۇپۇققا تاقاشقانىدى، ئايروپىلان گويا ئۇۋىسىغا قايتقان ئاق قۇدەك ئەپچىللىك بىلەن ئايلىنىپ تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئاقسۇغا يېتىپ كەلدۇق!

  بۇ بىپايان يېشىل دېڭىز دەل كۆكيار. 1986 – يىلىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شەھەر ئەتراپىدىكى قۇم – بوران مەنبەسى بولغان كۆكياردا ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا باشلاپ، 32 يىل ۋاقىتتا 1 مىليون 153 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكتى. دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ قۇرۇلۇش قەدىمىي چۆللۈكنىڭ قاقاس يەر شەكلىنى ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ قايناق چەكسىز ئورمانلىق تېزلىكتە تۆت ئەتراپقا كېڭىيىپ، جۇڭگونىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىشتىكى يېڭى بەلگە خادىسىغا ئايلاندى.

  بىپايان يېشىللىقتا تۇرغاندا، كىشىلەردە ھەمىشە ‹‹گۈزەللىكتىن ھەيران قېلىش›› ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ. ھالبۇكى، شەخسنىڭ ‹‹گۈزەللىكتىن ھەيران قېلىش››ىدىن پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنى ‹‹ھەيران قالدۇرۇش››قىچە، بۇنىڭدا كىشىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۈچنىڭ بولۇشى مۇقەررەر.

  كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىشنىڭ 32 يىللىق مۇساپىسىگە بىر يېشىل تەرەققىيات تارىخى يېزىلدى؛ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلغان نەچچە ئەۋلاد كۆكيارلىقلار قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىك، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ‹‹ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش››تەك كۆكيار روھى كوللېكتىپ ئوبرازىنى ياراتتى؛ ئۆركەشلەۋاتقان كۆكيار يېشىل دولقۇنىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىدىغىنى ئاقسۇدىكى 2 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتى. كۆكيارنىڭ چۆللۈكتىن بىپايان يېشىللىققا ئايلىنىش جانلىق ئەمەلىيىتى ئۆز نۆۋىتىدە دۇنياغا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

  خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتى: مۆجىزە بەرپا قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى

  بۈگۈنكى كۈندە، ئاقسۇنىڭ ھەممە يېرى يېشىللىق بىلەن قاپلىنىپ، يېشىللىق پەلەككە تۇتىشىپ، ھەر مىللەت خەلق چەكسىز ئورمانلىقتا خاتىرجەم ياشاپ، ھەربىر كىشى ئۆزى تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولماقتا.

  جۇڭچيۇ كېچىسى، جيې فۇپىڭ كۈمۈشتەك ئايدىڭدا مەمنۇنىيەت بىلەن سىلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: مەن ئەينى چاغدا ئەمەلدار بولغان ئىكەنمەن، پۇقرالارغا بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك، دېگەننى ئويلىدىم. نېمە ئىش قىلىش كېرەك؟ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ تەخىرسىز، قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى ئەڭ كۈچلۈك ئىشنى ھەل قىلىش كېرەك. شۇڭا بىز كۆكياردا كۆچەت تىكىشكە باشلىدۇق، 1 – قاراردا 20 مىڭ موغا يېقىن كۆچەت تىكتۇق، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە 1 مىليون مودىن ئارتۇق ئورماننىڭ بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، بۇ قالتىس نەتىجە!

  جيې فۇپىڭ تۇرغان جاي دەل كۆكيار قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان جاي ئىدى، ئىلگىرىكى قاقاس يەر ھازىر بۈك – باراقسان دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت قورۇقىغا ئايلىنىپ، ‹‹ئىناقلىق باغچىسى›› دەپ ئاتالدى. قورۇق سىرتىدا قەد كۆتۈرگەن چوڭ – چوڭ دەرەخلەر 80 نەچچە ياشلىق بۇ بوۋاينى ئوراپ تۇراتتى.

  خەلقنىڭ ياقتۇرىدىغىنىنى ياقتۇرۇشىمىز كېرەك! دەل مۇشۇ ئاساسىي ھۆكۈم ئاقسۇدىكى چۆل – باياۋاندا كۆز يەتكۈسىز يېشىللىقنى بارلىققا كەلتۈردى. 1985 – يىلى، ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جيې فۇپىڭ ئىنتايىن كەسكىن رېئاللىققا دۇچ كەلدى: پۈتۈنلەي چۆل ئارىسىدىلا قالغان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇم ئاستىدا قېلىش خەۋپى بار ئىدى!

  قۇملۇقنىڭ شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئالتە كىلومېتىرلا قالغانىدى ھەم قۇم ھەر يىلى بەش مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن قىستاپ كېلىۋاتاتتى. بىر يىلدا 100 كۈن قۇم – بوران چىقىدىغان بولۇپ، قۇم خۇددى غايەت زور مەخلۇققا، شەھەر خۇددى ئاجىز قۇش بالىسىغا ئوخشاپ قالغانىدى. ئاقسۇ خەلقى كۈنلەپ، ئايلاپ قۇم – توپا يەپ، جاپادىن ئېغىز ئاچالمىدى.

  ‹‹بوران چىقسىلا، كۆزنىمۇ ئاچقىلى بولمايتتى. كۈپكۈندۈزدە ھەممە يەرنى سېرىق چاڭ – توزان قاپلاپ، ئۇدۇلدىكى ئادەمنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى، ئۆيدە چىراغ يېقىپ ئولتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى››. مەمتىمىن ھامۇت 25 يېشىدا كۆكيار ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىغا خىزمەتكە چۈشكەن بولۇپ، ھازىر يېشى 60قا يېقىنلىشىپ قالدى. ‹‹قۇم – بوران چىقىدىغانلا بولسا، ئاپتوموبىلنىڭ سىرلىرىمۇ قالماي، تۆمۈر تەگلىكى ئېچىلىپلا قالاتتى››.

  كۈنلەر ھەقىقەتەن مۇشۇنداق جاپالىق ئىدى! پۇقرالار يېشىللىقنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ‹‹ئاقسۇ›› ئۇيغۇرچە ‹‹سۈزۈك سۇ›› دېگەن مەنىدە. لېكىن سۇ قانچە سۈزۈك بولغان بىلەن دەرەخ بولمىسا، شىددەتلىك قۇم – بوران يەردىكى ھەممە نەرسىنى يالماپ كېتىدۇ.

  ئادەمنىڭ جان تومۇرى ئېتىزدا، تۇپراقنىڭ جان تومۇرى ئورمان ۋە ئوت – چۆپتە! يەردە دەرەخ بولۇشنى كىم ئارزۇ قىلمايدۇ، لېكىن ئۇنى كىم تىكىدۇ؟ كىمنىڭ شۇنچىلىك قۇدرىتى بار؟ ئاقسۇنىڭ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر تۈپ دەرەخ تىكىشلا ئەمەس، بەلكى تۈمەن مو ئورمان بەرپا قىلىشقا توغرا كېلەتتى! بۇ جاينى كۆكەرتىش شارائىتى بەك ناچار بولۇپ، نوقۇل بىرلا ئورۇننىڭ ئۇنى ياخشىلاش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي ھالقىپ كەتكەنىدى.

  بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى دائىمىي مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان خې جۈنيىڭ ئاقسۇدىكى مىليون مولۇق چەكسىز ئورماندا مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى. ۋاڭ جېن جياڭجۈنگە ئەگىشىپ شىنجاڭغا كىرگەن بۇ مويسىپىتنىڭ ھايات ۋاقتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندىكى مۇنۇ سۆزلىرى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى: ‹‹بۇ ئىشنى كىم قىلالايدۇ؟ پەقەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتلا قىلالايدۇ! دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى نەدە؟ دەل كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىدا!››

  خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ بۇرچى. 1986 – يىلى، ئەينى چاغدىكى ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئاقسۇدىكى ئەڭ چوڭ قۇم – بوران مەنبەسى بولغان كۆكياردا چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى، كادىرلار، ئامما، ئوقۇغۇچىلار، ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىدىكى بارلىق كىشىلەر نۆۋەتلىشىپ چۆللۈككە يۈرۈش قىلىپ، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

  جيې فۇپىڭ مۇنداق دېدى: كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتىكى مەقسەت ــــ قۇم – بوراننى توسۇپ، ئاقسۇ خەلقىگە كۆڭۈلدىكىدەك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش. ئەينى چاغدا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاقسۇنى ئورمان بىلەن ئورىۋالساق، كۆپچىلىكنىڭ كۈنى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدۇق.

  جيې فۇپىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە كۆكيارغا يۈرۈش قىلىش بۇرغىسىنى چالغانىدى، لېكىن قۇرۇلۇش ئۇ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش بىلەن توختاپ قالمىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقايسى بىر نۆۋەتلىكى كۆكيار قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش سالمىقىنى ئاجىزلاشتۇرماي، ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە بارلىق كۈچى بىلەن بۇ زېمىندىكى يېشىللىقنى كېڭەيتتى.

  ‹‹ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت  ــــ ئەڭ ئادىل ئاممىۋى مەھسۇلات، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتى››. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى خەلق تۇرمۇشى بەخت – سائادىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى. ‹‹گۈزەل جۇڭگو›› ئۇقۇمى شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئاقسۇنىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلەش سۈرئىتى جىددىي تېزلىتىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مىسلىسىز دەرىجىدە كېڭەيدى.

  32 يىلدىن كېيىن، جيې فۇپىڭنىڭ غايىسى رېئاللىققا ئايلاندى. ھازىر ئاقسۇنىڭ تۆت ئەتراپىغا ياپيېشىل دەرەخلەر تىكىلدى. بەزىلىرى ئۆسۈۋاتىدۇ، بەزىلىرى ئورمانغا ئايلاندى. ئىلگىرىكى قاقاس كۆكيار يېشىل ‹‹بۇلاق كۆزى››گە ئايلىنىپ، ئۇنىڭدىن بۇلدۇقلاپ ئېقىپ چىقىۋاتقان سۈزۈك سۇ كەڭ دالىنىڭ ھەممە يېرىنى سۇغىرىپ كۆكەرتىشكە باشلىدى. ھازىر پۈتكۈل ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سۈنئىي ئورمان كۆلىمى 5 مىليون 220 مىڭ موغا يەتتى.

  سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل: ئەستىن چىقمايدىغان گۈزەل ‹‹يۇرت سېغىنىشى››

  يېشىللىق نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بوراننىڭ ئاجىزراق بولۇشى، پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىماسلىقىدىنمۇ؟ 32 يىلنىڭ ئالدىدا بېرىلگەن جاۋاب مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ يېشىللىققا بولغان چۈشەنچىسى خېلى بۇرۇنلا بۇنداق ئاددىيلىقتىن ھالقىپ كەتتى.

  قانداق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك؟ ئاقسۇنىڭ 32 يىللىق چۆللۈكنى كۆكەرتىش مۇساپىسى دەل كىشىلەرنىڭ ئىنسانلار بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، يەكۈنلەش، قايتا ئاتلىنىش جەريانىدۇر، دەل مۇشۇنداق نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ دەۋرىيلىنىپ تۇرۇشى جەريانىدا، ئاقسۇلۇقلارنىڭ قەلبىدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ مەزمۇنى تەدرىجىي بېيىدى.

  1992 – يىلى، جاڭ جىجۈن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق پەن تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ تېخنىك بولغانىدى، ھازىر ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى. ‹‹مۇشۇ يىللاردا ئاقسۇنىڭ ئورمان بىنا قىلىش ئىدىيەسىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. 1 – قاراردا باشلانغان تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشتىن 2 –، 3 – قاراردىكى تەبىئەتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقىچە، ئاندىن بۈگۈنكى تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشكىچە، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساس، ئادەم كۈچى قوشۇمچە قىلىنىپ، تەبىئەت ياخشىلاندى. ئۇ قەدەممۇقەدەم موللاشتى، مەزمۇنى بارغانسېرى بېيىدى.››

  ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، ئىنسانلار تەبىئەتكە ياخشى مۇئامىلە قىلسا، تەبىئەتمۇ ئىنسانلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەندە، مەدەنىيلىكنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئۇللۇق شارائىتقا ئىگە بولىدۇ. ئاقسۇنىڭ ئەمەلىيىتى بۇنى جانلىق شەرھلىدى.

  كۆكياردا ئېگىز، رەت – رەت ئۆسكەن ئاق تېرەكلەر يوللارنى ئاسراپ، ئورمان رايونىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئاق تېرەكلەرنىڭ ئاسرىشىدا، ئالما دەرەخلىرى، ياڭاق دەرەخلىرى رەتلىك ئۆسكەن بولۇپ، يېشىل دەرەخزارلىقنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ۋىۋىسكىلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ.

  دولان دەرياسى بويىدا، سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاق، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگەن تېگى كۆرۈنىدىغان سۈزۈك ئېقىن، قۇشقاچ، ياۋا ئۆردەكلەر سايراپ تۇرغان قومۇشلۇقلارنى بىر يول ئايرىپ تۇراتتى، ئورمان باغچىسىدىكى ئورمان يەرلىرىگە چۈشكەن ئىللىق قۇياش نۇرىدا، بۇ يول خۇددى يەر يۈزىدە ئېقىۋاتقان نۇر دەرياسىغا ئوخشايتتى. پۈتكۈل ئاقسۇ شەھىرى بىر چوڭ باغچىغا ئايلانغانىدى.

   بىز بۇ يەردە سەيلە قىلىۋاتقان جاڭ لىنى ئۇچرىتىپ قالدۇق. 1992 – يىلى، جاڭ لى تىجارەت قىلىش ئۈچۈن خاڭجوۋغا بارغانىدى. ئۇ شىخۇ كۆلى بويىدا ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىشىۋاتقاندا، جۇڭگونىڭ غەربىي چېتىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، نەچچە مىليون كىشى يۇرت – ماكانىنى كۆكەرتىش ئارزۇسى ئۈچۈن قان – تەر تۆكۈپ، پۈتۈن زېھنى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى سەرپ قىلىۋاتاتتى.

  ‹‹ھەممە يەر يېشىللىشىپ كېتىپتۇ، قۇم – بوراننى ھېس قىلغىلى بولمايدىكەن. مەن سۇلۇق يەر باغچىسىغا، ئورمان باغچىسىغا باردىم، دولان دەرياسى مەنزىرە رايونىغىمۇ كەلدىم، بەك چىرايلىقكەن!›› 26 يىلدىن كېيىن، جاڭ لى ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز يۇرتىنى پۈتۈنلەي تونۇيالماي قالدى. ‹‹ئاپام كورلىدا، ئوغلۇم ئاقسۇغا كېلىپ خىزمەتكە چۈشتى. مەن ئىككى كۈندىن بۇيان ئۆي كۆرۈۋاتىمەن، خاڭجوۋدىكى ئۆيۈمنى سېتىۋېتىپ، ئاقسۇدىن ئۆي سېتىۋېلىپ، ئاپامنىمۇ ئەكىلىۋېلىپ، ھەممەيلەن بىللە تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن.››

  ئاتا – ئانا، پەرزەنتلەر بىلەن بىللە ياشاش كىشىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. كىشىلەر بېشىنى كۆتۈرۈپ يۇلتۇزلارنىڭ چاقنىشىنى كۆرۈپ، پاقىلارنىڭ كۇرۇلدىشىنى ئاڭلاپ ئۇيقۇغا كېتىدىغان بولدى، سانسىزلىغان ئاقسۇلۇقلار مانا مۇشۇنداق ئارامبەخش مۇھىتتا ھەر بىر كۈننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىدىغان بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ كۈرەش قىلىشى بەدىلىگە كەلگەنىدى.

   ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۈي مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، شۇنداقلا سىياسىي مەسىلە. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت چېگرادىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېشىللىق كۆلىمى 4 مىليون مودىن ئارتۇق كۆپەيدى، بۇنىڭغا ئەڭ ئۈنۈملۈك تىرەك بولغىنى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى بولدى. ھازىر ئاقسۇدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

  دولان دەرياسى بويىدا تۇرۇپ، دەريا سۈيىنىڭ قىرغاققا ئۇرۇلغان ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىز، خۇددى سۇ ماكانىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىسىز. 2017 – يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ھۆل – يېغىن مىقدارى ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %220 كۆپىيىپ، ھاۋانىڭ نەملىك كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، يىللىق چاڭ – توزانلىق ھاۋارايى يۈز نەچچە كۈندىن 20 كۈن ئەتراپىغا ئازايدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى شيا خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: چۆللۈكنى كۆكەرتىش ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى خەلقنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈردى. ھازىر، تېخىمۇ كۆپ ياش ئاقسۇدا قېلىپ، بۇ يەردە كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

  سىستېمىلىق تۈزەش: چۆللۈكنى كۆكەرتىشنىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى تەمىنلەش

  ئارزۇ دائىم گۈزەل بولىدۇ، ئۇلۇغۋار پىلان ياخشى پىلانلاشتىن مەيدانغا كېلىدۇ. لېكىن ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەشتىن باشقا ئۇدۇل يولى بولمايدۇ. ئورمانچىلىق رايونىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كۆكيار خاتىرە سارىيىدا، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن تەسۋىر سىزغان تۆت ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسى ئاقسۇنىڭ چۆللۈكنى تۈزەشتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇساپىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى ئازغىنا يېشىللىقتىن تارتىپ 2017 – يىلى يىراقتىن تەسۋىر سىزغان خەرىتىگىچە، ئوخشاش نىسبەتتىكى ئومۇمىي كۆرۈنۈش يېشىللىق بىلەن تولۇق قاپلانغانىدى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، كۆكيار مۆجىزىسى قانداق يارىتىلغان؟

  ‹‹دەسلەپكى مەزگىلدىكى كۆكيار روھى تۆت جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلانغان: ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش. ئەگەر بۇنى بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىساق، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئۇلۇغ ئىشلىرىمىزنى ئالغا سىلجىتىش. پارتىيە ۋە خەلققە تايانغاندىلا، بارلىق ئىشلارنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ›› دېدى جيې فۇپىڭ يەكۈنلەپ.

  جاپالىق ئىشلىسىلا ھېساب ئەمەس، يەنە پەم بىلەن ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئىلمىي، ئاقىلانە بولۇش ۋە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئاقسۇنىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلاندى.

  لى زۇڭمىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق تونۇشقا ئىگە. كۆكيار ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ سابىق باشلىقى، بۈگۈنكى كۈندە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاۋىياتسىيە ئورمان ئاسراش پونكىتىنىڭ باشلىقى بولۇۋاتقان بۇ ئادەم بىر ئۆمۈر ئورمان بىلەن ھەپىلەشكەنىدى. لى زۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق ئورمان ئاسراشتا، نەدىمۇ ئۇنچە كۆپ ئورمان بولسۇن؟ مېڭىپمۇ چارلاپ بولغىلى بولاتتى. ئاقسۇنىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئىلمىي تەپەككۇر تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

  لى زۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹سۇنىڭ مەسىلىسى باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلدى. كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن باشلاپ، بىز تۆمۈر چوققىسىنى ۋەكىل قىلغان تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى ئېرىگەن سۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندۇق، ئالدى بىلەن سۇنى تىزگىنلەپ، ئاندىن كۆچەت تىكتۇق››. 32 يىلدا، ئاقسۇنىڭ چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر بىر قاتلىمىدىكى تەجرىبىلەر ئۈزلۈكسىز كۆچۈرۈلۈپ، كېڭەيتىلىپ، دۇنيادىكى قۇرغاق رايونلاردىكى چۆللۈكنى كۆكەرتىشنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى.

  چۆنەكلەپ تىكىپ، چۆنەكلەپ سۇغىرىش ئارقىلىق سۇ بايلىقى تېجەلدى، چۆنەك ئېچىپ، زەينى كونترول قىلىش، كەلكۈن بىلەن زەينى چىقىرىپ تاشلاش ئارقىلىق تۇپراق ياخشىلاندى، ئەتىياز بىلەن كۈز پەسلىدە كۆچەت تىكىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئۈنۈم ئۆستۈرۈلدى، بۈگۈنكى كۈندە بۇلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كەڭ قوللىنىلماقتا.

  ‹‹مۇۋاپىق يەرگە مۇۋاپىق ئورمان تىكىش›› پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆچەت تۈرىنى تاللاپ، يەنە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ‹‹ئورمان بىلەن ئورمان بېقىش››تەك ئۇسۇلدا ئورمانچىلىقنى ئەلا سۈپەتلىك پەرۋىش قىلىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئېكولوگىيە ئورمىنى بىلەن ئىقتىسادىي ئورماننى ماسلاشتۇرۇپ بىللە ئىلگىرىلىتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق خۇڭچىپو ئالمىسىنى ۋەكىل قىلغان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باغ – ئورمانچىلىقى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى، ئاقسۇ ئالمىسى پۈتۈن مەملىكەتتە قىممىتى ئەڭ زور بولغان مېۋە ماركىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

   ئاقسۇ ئۇزاق مەزگىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاساسىدا ئىزدىنىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە قاتنىشىش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشتەك مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 11 كىلومېتىر، كەڭلىكى توققۇز كىلومېتىر كېلىدىغان ھەيۋەتلىك ئورمان بەلبېغى ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر خۇ ئەنجياڭنى پەخىرلەندۈرەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 10 مىڭ مو ئېكولوگىيە ئورمىنى بەرپا قىلدى، ئورمان ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتى پەيدا قىلدى، كېيىنكى 90 مىڭ مودىن كۆپرەك ئورمانغا 2 مىليارد يۈەن ئىجتىمائىي كاپىتال مەبلىغى سېلىنغان. بىز 20 مىليون يۈەن بىلەن 2 مىليارد يۈەن توپلىدۇق.

  جاڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر بىز كۆلەمنى داۋاملىق كېڭەيتمەستىن، ھازىر بار بولغان يېشىللىق سىغىمچانلىقى دائىرىسىدە سۈپەتنى، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەلا ئېكولوگىيە مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەيمىز››. ئالتۇن كۈز ئاقسۇ ئالمىسىنىڭ ھوسۇل پەسلى، مۇشۇ پەيتتە سانسىزلىغان يېشىللىق بەرپا قىلغۇچى ئۆز قولى بىلەن تىككەن يېشىللىق ئىچىدە تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا. ئۇزاق يىللار داۋامىدا، بۇ خۇشاللىقلار سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار بىلەن بىللە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى