تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

لازا قۇرۇتۇش

    جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2-شىسى يەنجى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى ھەر قايسى تۈەن-مەيدانلاردا تېرىلغان 170 مىڭ مو لازا ئۈزۈش پەسلىگە كىردى. يېقىندا، بىڭتۈەن 2-شىسى 21-تۈەننىڭ لازا قۇرۇتۇش مەيدانى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان بولۇپ، مەنزىرىسى تولىمۇ ھەيۋەت ئىدى. قىپقىزىل لازىلار خۇددى چۆلگە سېلىنغان پارچە-پارچە گىلەمدەك، چېگرا رايوننىڭ كۈزدىكى مەنزىرىسىگە تېخىمۇ تۈس قوشقانىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يەنجى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى شىنجاڭ لازىلىرىنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېرى مۇنبەت، يورۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، تېرىلغان لازىلارنىڭ قىزىل پىگمېنتى ۋە تاۋار ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى، ئەلا سۈپەتلىك ھەمدە باھاسى ئەرزان بولغاچقا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. قۇرۇتۇلغان لازىلارنىڭ كۆپ قىسمى شەندۇڭ، شەنشى، خېبىي، سەنشى قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدىغان بولۇپ، لازىچىلىق كەسپى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى باشلامچى كەسىپكە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى