تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۈندە بىر تۇخۇم يېگەندە چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداش... تۇخۇمنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئامېرىكىدىكى بىر يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر تۇخۇم يېگەندە چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار تۇخۇم سېرىقىدا بىر خىل «چاچ ئۆستۈرۈشنى قوزغاتقۇچى» بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، تۇخۇم سېرىقىنى سىرتتىن ئىشلەتكەندە ياكى يېگەندە قان تومۇر ئىچكى تېرە ئۆستۈرگۈچى فاكتور دېيىلىدىغان بىر خىل ئاقسىلنىڭ ھاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئاقسىلنىڭ تۈك ھۈجەيرىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، چاچتىكى كېراتىن (مۈڭگۈز ئاقسىلى) %70 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، تۇخۇمدا ئاقسىل مول بولىدۇ. شۇڭا، ئاقسىل تولۇقلاش نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندىمۇ، تۇخۇم يېيىشنىڭ چاچنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى