ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، مەملىكىتىمىزدىكى قۇرامىغا يەتكەنلەر ئىچىدە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار %25.2نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بىمارلارنىڭ سانى تەخمىنەن 270 مىليون ئىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر يېمەكلىك ئارقىلىق قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشنى سىناق قىلىۋاتقان بولۇپ، چىڭسەي سۈيى ئىچىش ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ قالغان.
ئۇنداقتا چىڭسەي راستىنلا قان بېسىمىنى چۈشۈرەلەمدۇ ؟
چىڭسەي تەركىبىدە چىڭسەي ماددىسى بار بولۇپ، ھايۋان ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە ئالىملار چىڭسەي ماددىسىنىڭ قان تومۇرنى كېڭەيتىپ، قان بېسىم چۈشۈرۈش رولىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. لېكىن چىڭسەي ماددىسىنىڭ چىڭسەي تەركىبىدىكى مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدىكەن، تەجرىبىدە ھايۋانلارغا كۆپ مىقداردا چىڭسەي ماددىسى ئىشلىتىلگەن. شۇڭا چىڭسەي يېسە قان بېسىم چۈشۈرىدۇ، دېيىشكە تېخى ئاساس تولۇق ئەمەس ئىكەن. كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، چىڭسەي تەركىبىدە مول بولغان يېمەكلىك تالالىرى ۋە يىرىك تالا بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قان بېسىمنى كونترول قىلىشتا رولى چوڭ ئىكەن. چىڭسەي تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرى ۋە يىرىك تالا كۆپ بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەنلا چىڭسەينىڭ قان بېسىمنى كونترول قىلىش رولى بار دېيىشكە بولمايدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، چىڭسەي بىر خىل ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، مۇۋاپىق يېيىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بار. لېكىن ئايرىم يېسە قان بېسىمنى چۈشۈرۈش رولىنى ئۆتىيەلمەيدۇ.
-خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.