10-ئاينىڭ 10-كۈنى، جەنۇبىي جياڭشى كېجيالار ھاۋانچا چېيى ۋارىسى لياۋ يوڭچۇەن (ئوتتۇرىدا) ئوقۇغۇچىلارغا ھاۋانچا چېيىنى تەييارلاشنى چۈشەندۈرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جياڭشى ئۆلكىسى چۈەننەن ناھىيەلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپ 10-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بولغان جەنۇبىي جياڭشى كېجيالار ھاۋانچا چېيىنى تەييارلاش ھۈنىرى ۋارىسى لياۋ يوڭچۇەننى مەكتەپكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا نەق مەيداندا كېجيالار ھاۋانچا چېيىنى تەييارلاتقۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى يۈز تۇرا ھېس قىلدۇردى. (خۇ چېڭخۇەن فوتوسى)