شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 2 مىليون 512 مىڭ (قېتىم) يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، نىشاندىكى ۋەزىپىنىڭ %93ى ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 36 مىڭى(قېتىم) ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە يېقىن ئەتراپقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 2 مىليون 122 مىڭ (قېتىم)غا، شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 329 مىڭ (قېتىم)غا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 25 مىڭ 199 غا يەتكەن. يېقىن ئەتراپقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلىنىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلار ئومۇمىي نىسبىتىدە %84.5نى ئىگىلىگەن.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى