تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۆمۈريولى كۆپلىگەن ساياھەت پويىزلىرىنىڭ يولغا چىقىش لايىھەسىنى تەڭشىدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، بېيتۈن، قورغاسقا قاتنايدىغان ساياھەت پويىزلىرىنىڭ يولغا چىقىش لايىھەسىنى تەڭشەيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان Y962/3، Y964/1 قېتىملىق «جەنۇبىي شىنجاڭغا ساياھەت» ناملىق ساياھەت پويىزىنىڭ ئايلىنىش رايون بۆلىكى تەڭشىلىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان Y962/3次قېتىملىق پويىزنىڭ ئاخىرقى بېكىتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ خوتەنگە تەڭشىلىدىغان بولۇپ، قەشقەردىن سائەت 7:53 دە يولغا چىقىپ، سائەت 13:46 دە خوتەنگە يېتىپ بارىدىكەن. يېڭىدىن قاغىلىق، گۇما، قاراقاش، خوتەن بېكەتلىرى قوشۇلىدىكەن. خوتەندىن سائەت 15:28 دە يولغا چىقىپ، سائەت 21:19 دا قەشقەرگە يېتىپ بارىدىكەن. يېڭىدىن قاراقاش، گۇما، پوسكام، يەكەن، يېڭىسار، ئاقتۇ، قەشقەر بېكەتلىرى قوشۇلىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىن قورغاسقا قاتنايدىغان Y951/2 قېتىملىق «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش» ساياھەت پويىزىغا 25B شەكىللىك قوش قەۋەتلىك پويىز گەۋدىسى ئىشلىتىلىدىكەن. ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغانلىق سەۋەبىدىن، «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش» تىكى قالغان ئىككى لىنىيە ئۈرۈمچىدىن بېيتۈن شەھىرىگە قاتنايدىغان Y953/4 قېتىملىق، قورغاستىن بېيتۈن شەھىرىگە قاتنايدىغان Y956/7، Y958/5 قېتىملىق ساياھەت پويىزلىرى توختىتىلىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ساياھەت ياخشى بولغانلىق سەۋەبىدىن، شىنجاڭ تۆمۈريولى 10-ئاينىڭ 12-، 14-، 19-، 26-كۈنلىرى Y966 قېتىملىق ساياھەت پويىزلىرىنى كۆپەيتىدىكەن.

  -ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى